- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى كېچياڭ لياڭ جېنيىڭ ۋە سۈي شىئەن بىلەن كۆرۈشتى
2013.03.19 16:51 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 18-مارت تېلېگراممىسى : ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 18-مارت چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى بىنەپشە راۋاقتا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقىلى بېيجىڭغا كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لياڭ جېنيىڭ ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلاپ ئۆتتى .
لى كېچياڭ شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېندىن ئىبارەت ئىككى ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈن تەرەققىياتىدا ئوينىغا مۇھىم رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى . ئۇ مۇنداق دېدى : يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي ھۆكۈمەت ‹‹ بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش ›› سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ ، نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشتە كەسكىن بولۇپ ، باش مەمۇر ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە سىياسىي ئىشلارنى يولغا قويۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ ، ئىچكىرى بىلەن شياڭگاڭ ، ئاۋمېن ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ ، گۈللىنىش ۋە مۇقىملىقنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز .
گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ ، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جىڭ ، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېجى ، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ گۇاڭيا قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە