18-مارت كەچتىن 19-مارتقىچە، بېيجىڭ باھاردىكى قارنى كۈتۈۋالدى. بېيجىڭ ھاۋا رايى ئىستانسىسى 19-مارت سائەت 11 دە ئالدىن مەلۇمات بېرىپ، بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا ئوتتۇرا ھال قار ياغىدىغانلىقىنى، ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىنىڭ 4 سىلسىيە گىرادۇس بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
19-مارت كەچ سائەت 8 گىچە، شەھەر رايونىدىكى ھۆل-يېغىن مىقدارى ئارانلا 2.4 مىللىمېتىر بولۇپ، ياققان قار ئانچە كۆپ بولمىدى. شەھەرلىك ھاۋا رايى ئىستانسىسى بۈگۈن سەھەردە ھاۋانىڭ سۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بېيجىڭ ئاسمىنىنىڭ كۆك بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.