باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

-يىلى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئېلان قىلىندى

2013.03.13 13:52         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13-مارت ، شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا 2012-يىلى ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى ئېلان قىلدى . 2012-يىلى ، شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار 68 مىڭ 355 بولۇپ ، 2011-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 1657 ئوقۇغۇچى كۆپ پۈتكۈزگەن . 2012-يىلى 25-دېكابىرغىچە 60 مىڭ 497 ئوقۇغۇچى ئىشقا ئورۇنلىشىپ ، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %88.5 كە يەتكەن . بۇ 2011-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا % 1.49 پوئىنت يۇقىرى بولغان . ئۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار 30 مىڭ 730 بولۇپ ، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %87.06 بولغان ؛ مەخسۇس كۇرسنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار 33 مىڭ 685 بولۇپ ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 30 مىڭ 498 بولۇپ ، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %90.54 بولغان .

  11 تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىدەك بولغان: شىنخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى %92.79 ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى %91.53 ، تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى %91.32 ، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى %90.81 ، سانجى ئىنىستىتۇتى %86.56 ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى %85.75 ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى %85.66 ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى %84.62 ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى %83.17 ، ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى %81.52 ، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى %80.67 .

  تۆت مۇستەقىل ئىنىستىتۇتنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى : شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى پەن-تېخنىكا ئىنىستىتۇتى %94.41 ؛ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئىلمىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى %84.79 ، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى سودا ئىنىستىتۇتى %84.28 ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى خوۋبو ئىنىستىتۇتى %79.12 .

  23 مەخسۇس كۇرس (ئالىي تېخنىكوم) مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىك مەكتىپى %99.75 ، سانجى كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى %99.36 ، شىخەنزە كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى %98.62 ، شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى %98.29 ، قاراماي كەسپىي تېخنىك مەكتىپى %97.81 ، بايىنغۇلىن كەسپىي تېخنىك مەكتىپى %97.01 ، شىنجاڭ سانائەت ئالىي تېخنىكوم كەسپىي مەكتىپى %96.62 ، شىنجاڭ ماشىنا ۋە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى كەسپىي تېخنىك مەكتىپى %96.18 ، شىنجاڭ قۇرۇلۇش كەسپىي تېخنىك مەكتىپى %94.65 ، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى % 93.29 ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ كەسپىي تېخنىك مەكتىپى %93.26 ، خوتەن پېداگوگىكا مەخسۇس كۇرس مەكتىپى %92.01 ، شىنجاڭ ئېنېرگىيە كەسپىي تېخنىك ئىنىستىتۇتى %91.89 ، شىنجاڭ قاتناش كەسپىي تېخنىك ئىنىستىتۇتى %90.67 ، ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى %89.77 ، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىك مەكتىپى %87.17 ، شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەت مەخسۇس كۇرس مەكتىپى %83.1 ، شىنجاڭ ساقچى-ئوفىتسېر ئالىي مەخسۇس كۇرس مەكتىپى %81.62 ، بىڭتۈەن ساقچى-ئوفىتسېر ئالىي مەخسۇس كۇرس مەكتىپى %81.53 ، شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى %81.36 ، ئىلى كەسپىي تېخنىك ئىنىستىتۇتى %70.63 ، شىنجاڭ ئەمەلىي قوللىنىشچان كەسپىي تېخنىك ئىنىستىتۇتى %64.59 ، شىنجاڭ ھازىرقى زامان كەسپىي ئىنىستىتۇتى %59.75 .

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە