- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىغا قوشۇۋېتىلىدۇ
2013.03.13 09:52 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شىنجاڭ بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىغا قوشۇۋېتىلىپ ، شىنجاڭنىڭ پېداگوگىكا مائارىپى ، بولۇپمۇ ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار مائارىپى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ . ئىككى مەكتەپ قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىن ، نۇقتىلىق ھالدا باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ .
11-مارت ، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، شىنجاڭ بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپىنى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىغا قوشۇۋېتىش خىزمىتى رەسمىي باشلانغان بولۇپ ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ياخشى ئىشلىنىشى ئۈچۈن ، ئىككى مەكتەپنى قوشۇۋېتىش خىزمىتىگە ئۈچ يىللىق ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇددىتى پىلانلانغان ، بۇ مەزگىلدە شىنجاڭ بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ نامى ، ۋىۋىسكىسى ۋە تامغىسى ساقلاپ قېلىنىدىكەن .
شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ چوڭفۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ئىككى مەكتەپنى قوشۇۋېتىشتىكى تۈرلۈك پىلانلار نۆۋەتتە قول تۇتۇپ ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ ، ‹‹ بەشتە ئورتاق بولۇش ›› يەنى ، كادىرلار ئىشلىرى، مالىيە ، ئوقۇتۇش ، پەن تەتقىقاتى ، ئاساسىي قۇرۇلۇش قاتارلىق بەش تەرەپتە ئورتاق بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ، ئورتاق رەھبەر ، ئورتاق پىلان ۋە ئورتاق باشقۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە