- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مېيخۇا ماركىلىق تېتىتقۇ زاۋۇتى خېبېيدىن يۆتكىۋېتىلگەندىن كېيىن، قالدۇرۇپ كەتكەن مۇھىت مەسىلىسى توغرىسىدا ئۈچ تەرەپنىڭ قارىشى بىردەك ئەمەس
2013.03.19 15:45 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، 2013-يىل كىرگەندىن كېيىن، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ باجوۋ شەھرىگە جايلاشقان مېيخۇا تېتىتقۇ زاۋۇتى پەيدىنپەي ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلدى. 2010-يىلدىن ئىلگىرى بۇ زاۋۇت ئىزچىل خېبېي ئۆلكىلىك مېيخۇا تېتىتقۇسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى (2009-يىلى مېيخۇا بىيو پەن-تېخنىكىسى گۇرۇھ پاي چەكلىك شىركىتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن، تۆۋەندە «مېيخۇا گۇرۇھى» دەپ قىسقارتىلىدۇ)نىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئىدى.ئومۇمىي مۈلكى 9 مىليارد يۈەنگە يېتىدىغان، 13 مىڭ ئىشچىسى بار مېيخۇا گۇرۇھى ئەمدىلىكتە يېڭىچە كېڭىيىشنى باشلىغان. مېيخۇا گۇرۇھىنىڭ خىزمەتتىكى بىر ئىشچىسىنىڭ دېيىشىچە، نەچچە مىڭدەك ئىشچى شىنجاڭغا كەتكەن، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ باجوۋ شەھرىگە جايلاشقان مېيخۇا تېتىتقۇ زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلغاندىن كېيىن، نەچچە مىڭلىغان ئىشچى بۇ شىركەتنىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋە شىنجاڭدىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىغا يۆتكەلگەن.
2009-يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «قىزىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت» پىروگراممىسىدا مېيخۇا تېتىتقۇ زاۋۇتىنىڭ دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىغا زور مىقداردا سانائەت كېرەكسىز سۈيى قويۇپ بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى. تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن، گەرچە خېبېي ئۆلكىسىنىڭ باجوۋ شەھرىگە جايلاشقان مېيخۇا تېتىتقۇ زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما مېيخۇا گۇرۇھىنىڭ شۇ جاي مۇھىتىغا كەلتۈرگەن تەسىرى تېخى تامامەن تۈگىتىلگىنى يوق. (مۇخبىر جاڭ پېيرەن، جاڭ لياڭ)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە