باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

«بۇ يەرنىڭ سەھىرى جىمجىت»نىڭ ئاپتورى بورىس ۋاسىلىيىۋ ئالەمدىن ئۆتتى

2013.03.14 09:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 14-مارت بېيجڭدىن بەرگەن خەۋىرى. شىنخۇا تورىنىڭ موسكىۋادىن خەۋەر بېرىشىچە، رۇسىيەدىكى داڭلىق يازغۇچى، «بۇ يەرنىڭ سەھىرى جىمجىت» ناملىق روماننىڭ ئاپتورى بورىس ۋاسىلىيۋ 11-مارت 89 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ۋە زۇڭلىسى مىدىۋېدىيۋ ئۇنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرگەن.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى ئاخبارات كاتىبى پۇتىننىڭ يازغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە سەمىمىي ۋە چوڭقۇر تەزىيەسىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.

  مېدىۋېدىۋ موسكىۋا يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە تېلېگرامما يوللاپ مۇنداق دېگەن:« ۋاسىلىيۋنىڭ ئەسىرى نەچچە مىلىيون ئادەمنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئادەملەرگە ھىسداشلىق قىلىش ۋە ئاقكۆڭۈل بولۇشنى ئۆگەتكەن».

  موسكىۋا يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋاسىلىيۋنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى رۇسىيە ئەدەبىياتىدىكى زور يوقىتىش دەپ قارىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  ۋاسىلىيۋنىڭ ماتەم مۇراسىمىنى 14-مارت ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان بولۇپ، ئۇ موسكىۋانىڭ غەربىي شىمالىدىكى قەبرىستانلىققا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىدۇ.

  ۋاسىلىيۋ 1924-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن، ئۇ كۆپلىگەن رومان ۋە پوۋىستلارنى يېزىپ چىققان، ئۇنىڭ ئەسىرىدىكى ئۇرۇشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان مەزمۇنلار ئۇنىڭ ئۆز كەچۈرمىشىلىرى. ئۇنىڭ داڭقىنى چىقارغان ئەسىرى «بۇ يەرنىڭ سەھىرى جىمجىت» 60-يىللارنىڭ ئاخىرىدا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، سوۋىت ئتتىپاقىدىكى ئايال ئەسكەرلەرنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گىرمانىيە ناتسىسىتلىرىغا زەربە بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ ئەسەر كۆپ خىل يېزىققا تەرجىمە قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

  ۋاسىلىيۋنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىدىن يەنە «كېيىن ئۇرۇش بولدى»، «ئاققۇنى ئاتماڭ»، «تىزىملىكككە كىرمىگەنلەر» قاتارلىقلار بار.

  ۋاسلىيىۋ نۇرغۇن شان-شەرەپكە ئېرىشكەن بولۇپ، سوۋىت ئتتىپاقى دۆلەت مۇكاپاتى، رۇسىيە دۆلەتلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ «شەرەپ ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئالاھىدە مۇكاپاتى» قاتارلىقلار بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

ئالاقىدار خەۋەرلەر