باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: قورال ئېكسپورت قىلىدىغان 5-چوڭ دۆلەت بولۇش دۇنيا بىخەتەرلىكىگە ھېچقانداق زىيانلىق ئەمەس(1)

2013.03.19 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي دائىملىق مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ روسىيەگە ۋە ئافرىقىدىكى ئۈچ دۆلەتكە زىيارەتكە چىقىدىغانلىقى ھەمدە ئالتون كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى جاكارلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرىنىڭ ئامېرىكا غەربىي قىرغاق رايونىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا توسۇش ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىدۇ دېگەنلىكى توغرىسىدا، شۇنىڭدەك يەنە جۇڭگونىڭ ھەربىي بۇيۇم ئېكسپورتى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ روسىيە فېدراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى پۇتىن، تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى جىكۈيتې، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما، كونگو جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى ساسۇ قاتارلىقلارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 30-كۈنىگە قەدەر يۇقىرىقى تۆت دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەمدە جەنۇبىي ئافرىقىىنىڭ باندېدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 5-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ.

  بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: بىرىنچى، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 15-چېسلا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى خاگگېل ئامېرىكا ئارمىيەسى چاۋشيەندىن كېلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىرغاق رايونىغا قۇرۇقلۇقتا باشقۇرۇلىدىغان بومبا توسۇش ئەسلىھەسىدىن 14نى يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرىدۇ، دېگەن. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ ئىككىنچى، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شىۋىتسىيەنىڭ ستوكھولىم شەھرىدىكى دۇنيا تىنچلىقى تەتقىقاتخانىسى دوكلات ئېلان قىلىپ، 2008-يىلدىن 2012-يىلغىچە، جۇڭگونىڭ قورال ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارى %162 ئېشىپ، دۇنيا بويىچە قورال ئېكسپورت قىلىدىغان 5-چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى دېگەن. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە