باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

توردا بىر قېتىملىق چوكىنىڭ قايناقسۇنى چاي رەڭگىگە كىرگۈزۈۋېتىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى

2013.03.19 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  17-مارت كەچ سائەتي 9 يېرىم ئەتراپىدا، داڭلىق كىنو چولپىنى خۇاڭ بو مىكرو بىلوگىدا بىر ئۇچۇر تارقىتىپ مۇنداق دېدى :« ئاشخانىدىكى بىر قېتىملىق چوكىنىڭ سىرتقى ئورالمىسى ناھايىتى نەپىس، ئەمما قايناقسۇغا چىلاپ ئىلەشتۈرۈپ قويسام، بۇرۇننى غىدىقلايدىغان پۇراق پەيدا بولدى، قاراپ باقسام ..... نەتىجىدە ..... بۇ ‹چوكا شورپىسى›نى سىز ئىچەلەمسىز؟ بىر قېتىملىق چوكىنى ئىشلەتمەسلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئەمەس، بەلكى جاننى قەدىرلىگەنلىك ئىكەن ئەمەسمۇ!»

  18-مارت، مۇخبىر بازاردىن دائىم ئىشلىتىلىدىغان تۆت خىل چوكىنى ئېلىپ كىلىپ تەجىرىبە قىلدى. بىرىنچى نومۇرلۇق چوكا ئاشخانىدىكى بىر قېتىملىق چوكا، ئىككىنچى چوكا تاللا بازىرىدىن سېتىۋېلىنغان قومۇچ چوكا، ئۈچىنچى نومۇرلۇق چوكا كۆپ قېتىم ئىشلىتىلىدىغان چوكا، تۆتىنچى نومۇرلۇق چوكا مەلۇم تېز تاماقخانىنىڭ بىر قېتىملىق چوكىسى. بۇ تۆت خىل چوكىنى قايناقسۇغا چىلىغاندىن كېيىن، ئىستاكاندىكى سۇنىڭ رەڭگىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولغان.

  بىر قېتىملىق چوكىنىڭ ئورالمىسىدا «يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا دىزىنفىكسىيە قىلىنغان، پاكىز» دېگەن دېگەن خەتلەر بېسىلغان، ئەمما ئەمەلىيەتتە بىر قېتىملىق چوكىنىڭ باھاسى ئەرزان، بازارنى ئىگىلەش نىسبىتى يۇقىرى بولغاچقا، رىقابەت كەسكىنلىشىپ، بۇ چوكىلارنىڭ تازلىقى ئادەمنى ئەندىشىگە سالماقتا.

  ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا خەۋەرلىرى»دە جۇڭگودىكى بىر مىلىيارد ئادەمنىڭ بىر يىلدا 80 مىليارد جۈپ بىر قېتىملىق چوكا ئىشلىتىدىغانلىقى، جۇڭگودىكى ئورمانلىقنىڭ بۇ چوكا ياساش كەسپىنى تەمىنلەشكە يىتەرلىك ياغاچ قالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ھازىر جۇڭگودا يىلىغا 20 مىليون تۈپ دەرەخ كىسىلىپ، بىر قېتىملىق چوكا ياساشقا بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرماقتا. جۇڭگو ئاللىقاچان دۇنيادىكى ياغاچ ماتېرىياللىرىنى ئىمپورت قىلىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ قالغان. بۇنىڭغا قارىتا خەۋەردە، «جۇڭگولۇقلار چوكىنى ۋىلكا-پىچاققا ئالماشتۇرۇشى كېرەك»دېيىلگەن.

  بىر قېتىملىق چوكىنىڭ زىيىنى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە