باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى: كادىرلار ئۆگىنىشكە ماڭسا كاتىپ ئېلىۋېلىش، ساۋاقداشلىق نامى بىلەن گۇرۇپپىۋازلىق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ

2013.03.19 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى بېسىپ تارقاتقان «كادىرلارنى ئوقۇتۇش ۋە تەربىيەلەش داۋامىدا باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»دە، جايلار ۋە تارماقلار مەركەزنىڭ «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى»نىڭ روھىغا ئاساسەن، ئوقۇشقا كەلگەن كادىرلارنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، كادىرلارنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەربىيەلەش جەريانىدىكى ئۆگىنىش ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاش تەلەپ قىلىندى.

  «بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار تەكىتلەنىدى، ئوقۇتۇش-تەربىيەلەشكە قاتناشقۇچى مەيلى قايسى دەرىجىدىكى كادىر بولسۇن، ھەممىسى ئوقۇغۇچى، ئۇلار ئۆگىنىش پوزىتسىيەسىنى توغرىلىشى، ئوقۇغۇچىلىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇشى، ئوقۇتۇش-تەربىيەلەشكە ۋە پاك-تەلەپچان بولۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، زېھنىنى ئۆگىنىشكە قارىتىپ، ئوقۇش ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل تاماملىشى شەرت. كادىرلارنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە كادىرلارنى تەربىيەلەش-ئوقۇتۇش ئاپپاراتلىرى تەربىيەلەشكە قاتناشقان كادىرلارغا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە