باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىشتا يېڭى چارە ئىجىرا قىلىنىدىكەن

2013.03.18 15:51         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆز مۇخبىرىمىز ئابدۇرىشىت ئابدۇغېنىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىشتا يېڭى چارە ئىجىرا قىلىنىدىكەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار 2010- يىلى 11- ئايدا مەخسۇس تارقاتقان «ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆرلەش ئىمتىھانىدىكى بىر قىسىم تۈرلەرنى تەڭشەش ۋە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى» ئۇقتۇرۇشتا، 2014- يىلىدىن كېيىنكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىش چارىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ئىدى. ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، كېلەر يىلىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئولىمپىك زېھىن سىناش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرىدە بىرنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھەمدە جۇڭگو پەن تېخنىكا جەمئىيىتى خەلقئارا ئولىمپىك زىھىن سىناش مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن دۆلەتلىك كوماندىغا يىغىپ تەربىيىلىگەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ يىللىق ئالىي مەكتەپلەرگە كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىش سالاھىيىتى ساقلاپ قىلىنىدۇ، تىزىمغا ئالدۇرغان ئالىي مەكتەپ سىناق ئىمتىھانى ئالغاندىن كېيىن قۇبۇل قىلىش- قىلماسلىقنى قارار قىلىدۇ؛ جۇڭگو پەن تېخنىكا جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارغا بەلگىلىمە بويىچە نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ، ئالىي مەكتەپلەرگە كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىش سالاھىيىتى بولمايدۇ؛ كېلەر يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو پەن تېخنىكا جەمئىيىتى، مائارىپ مىنىستېرلىقى قاتارلىق تارماقلار ئۇيۇشتۇرغان مەملىكەتلىك ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ تۈرلۈك پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىدە بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارغا بەلگىلىمە بويىچە نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ، ئالىي مەكتەپلەرگە كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىش سالاھىيىتى بولمايدۇ؛ خەلقئارالىق ئىلىم پەن ۋە قۇرۇلۇش مۇسابىقىلىرى، خەلقئارالىق مۇھىت ئاسراش تەتقىقات تۈرى ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارغا بەلگىلىمە بويىچە نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ، ئالىي مەكتەپلەرگە كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىش سالاھىيىتى بولمايدۇ.

  بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئەسلىدىكى سىياسەت ئىجىرا قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە