باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

ئۆزبېكىستان چېگرا مۇداپىئە ئارمىيەسى چېگرىدىن قانۇنسىز ئۆتكەن ئافغانسىتانلىق ئۈچ كىشىنى ئېتىپ تاشلىدى

2013.03.18 10:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ چېگرا مۇداپىئە كومىتېتى 16-مارت ئۆزبېكىستان چېگرا مۇداپىئە ئارمىيەسى بۇندىن ئىككى كۈن ئىلگىرى قانۇنسىز چېگرادىن ئۆتكەن ئافغانىستانلىق ئۈچ كىشىنى ئېتىپ تاشلىدى دېدى.

  ئۆزبېكىستان چېگرا مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئۆزبېكىستان چېگرا مۇداپىئە ئارمىيەسى 14-مارت ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا، ئافغانستانلىق 30 كىشىنىڭ قانۇنسىز چېگرىدىن ئۆتكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ كىشىلەر ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ تەلىپىگە پىسەنت قىلمىغان، ھەتتا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئون كىشى يەنە ئۆزبىكسىتان چېگرا مۇداپىئە ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى تارتىۋالماقچى بولغان، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسىمۇ بىراق ئۇنۈمى بولمىغاندىن كېيىن، ئۆزبىكسىتان چېگرا مۇداپىئە ئارمىيەسى قايتۇرما زەربە بەرگەن. ئاخىرىدا قانۇنسىز چېگرىدىن ئۆتكەن ئافغانىستانلىق ئۈچ كىشى ئېتىپ تاشلانغان، بىر كىشى يارىلانغان، قالغان كىشىلەر ئافغانىستانغا قېچىپ كەتكەن.

  ئۆزبىكسىتان چېگرا مۇداپىئە كومىتېتى، شۇ كۈنى ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ قانۇنسىز چېگرىدىن ئۆتكەن ئافغانىستانلىق ئۈچ كىشىنىڭ جەسىتىنى ۋە ئۇندىن باشقا يارىلانغان بىر كىشىنى ئافغانىستان چېگرا مۇداپىئە تارمىقىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. بىراق قارشى تەرەپ قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. (تەرجىمان: ئىلھام مامۇت)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە