باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى

تاراتقۇلار ئۆي باھاسىنى تىزگىنلەشتە يەنىمۇ «قاتتىق قول» بولۇشنى مۇراجىئەت قىلدى

2013.03.19 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئايدا چوڭ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىدىكى 70 شەھەردە تۇرالغۇ ئۆي باھاسى ئۆرلىگەن. شەھەر سانى ۋە ئوتتۇرىچە ئۆسۈش نىسبىتى ئۆتكەن يىلدىن بۇيانقى يېڭى يوقىرى نۇقتىغا يەتكەن.

  2-ئايدا ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەب ئۆي باھاسى ئۆرلەش كۆزلىمىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ بولغانلىقى بولۇپ، بۇنداق كۆزلىمە ئۆي سېتىۋېلىشقا بولغان ھەقىقىي ئېھتىياج بىلەن سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش بەلگىلىمىسىدىن ئەگىپ ئۆتۈۋالغان ئۆي ھايانكەشلىكى ئېھتىياجىنىڭ دەككە-دۈككە ئىچىدە بازارغا كىرىشىگە تۈرتكە بولغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەمىنلەش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تاۋار ئۆي سودىگەرلىرى باش تەمىنلەش تومىسىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان بولۇپ، ئۆي باھاسى ئۆرلىگەنىسېرى ئۇلارنىڭ تاۋار ئۆيلەرنى سېتىشقا شۇنچە كۆزى قىيماي، شۇنچە بېسىۋالغان، تەمىنلەشمۇ شۇنچە ئازايغان. شۇنداق قىلىپ بۇ خىل دەككە-دۈككىلىك ئېھتىياج بىلەن تاۋار ئۆينى بېسىۋېلىش، سېتىشقا كۆزى قىيماسلىق ئوتتۇرىسىدا غايەت زور پەرق شەكىللىنىپ، ئۆي باھاسىنىڭ ئىرراتسىئوناللىق ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئۆي بازىرىدا ئىلگىرىكى سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش سىياسىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەڭشەش-تىزگىنلەش تەدبىرىگە قارشى ئېممۇنىتېت شەكىللەنگەن. 3-ئاينىڭ 1-كۈنى، گوۋۇيۈەن يېڭى بەش تۈرلۈك تەپسىلىي بەلگىلىمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە: سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش سىياسىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ 2-يۈرۈش ئۆيگە ئالدىن تاپشۇرۇلىدىغان پۇلنىڭ نىسبىتى ۋە قەرز ئۆسۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ ئۆي ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن قىلىنغان تاپاۋەتتىن %20 بويىچە شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش ئۈچ چوڭ كەسكىن تەدبىر. ئۆي باھاسىنىڭ ھازىرقى ئۆرلەش ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى بەش تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىمكانقەدەر تېز ئۆز جايىغا ئەمەلىيلەشتۈرۈش نۆۋەتتىكى جىددى ۋەزىپە بولۇپ قالدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە