خەلق تورىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ب د ت مۇساپىرلار ئىشلىرى مەھكىمىسى 16-مارت بېيرۇتتا دوكلاتنى ئاشكارىلاپ، ھازىرغىچە لىۋانغا قېچىپ كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن سۈرىيەلىكلەر سانىنىڭ 357 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن 21 مىڭى ئاشقانلىقىنى ئېيتقان.
سۈرەتتە، 18-مارت، لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ھاسبىيادا سۈرىيەلىك مۇساپىر بالىلار يول بويىدا ياۋا كۆكتات كولاپ يەۋاتىدۇ.