باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

شىنجاڭ ئىككى يىلدىن بۇيان ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان 198 ئوقۇغۇچىغا ياردەم بەردى

2013.03.20 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. بۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئۈرۈمچى مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى ئاھالىسى پاتىگۈل مايىت ئىنتايىن خۇشال ئىدى، ئۇنىڭ قىزى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتئەلدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان 5500 ئامېرىكا دوللارلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن ئىدى.

  19-مارت، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2013-يىللىق شىنجاڭلىق ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىشنى تىزىملاش باشلانغان بولۇپ 31-مارت ئاخىرلىشىدىكەن.

  شىنجاڭلىق ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتئەلدە ئوقۇيدىغان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلى تۈرى 2010-يىلى تەسس قىلىنىپ 2011-يىلى رەسمىي يولغا قۇيۇلغان، بۇ شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تۈرلەرنىڭ بىرى. بۇلتۇر 27 دۆلەتتە ئوقۇيدىغان 146 نەپەر شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى بۇ ياردەم پۇلغا ئېرىشكەن.

  پاتىگۈل مايىتنىڭ قىزى بېلىقىز سەمەت بىلۇروسىيەدە ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇيدۇ، قىزىنىڭ يىللىق ئوقۇش خىراجىتى 20 مىڭدىن يۈەندىن ئېشىپ ئۇلارغا ئېغىر كەلگەن ئىدى.

  قىزى 5500 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئوقۇش پۇلىغا ئېرشىكەندىن كېيىن پاتىگۈل مايىتنىڭ يۈكى يەڭگىللىدى، بىلۇروسىيەدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلاردىن پەقەت ئۇنىڭ قىزىلا ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرشىكەن ئىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى يولغا قۇيۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان، 198 نەپەر شىنجاڭلىق ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتئەلدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ئاجرىتىلغان ئوقۇش مۇكاپات سوممىسى 8 مىليۇن 500 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە