باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تايلاند زۇڭلىسى يىڭلۇك مال-مۈلكىنى ساختا مەلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن

2013.03.20 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا تاراتقۇلار تايلاند زۇڭلىسى يىڭلۇك ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش كومىتېتىغا شەخسي مال-مۈلكىنى مەلۇم قىلغاندا ساختىلىق ئىشلەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. تايلاند خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گاننالوڭ 18-چېسىلا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن، كومىتېتىمىز نۆۋەتتە يىڭلۇكنىڭ مەلۇم قىلغان مال-مۈلكنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاۋاتىدۇ، مۆلچىرىمىزچە ئىككى ھەپتە ئىچىدە نەتىجىسى چىقىدۇ، ئەگەر ئەھۋال راست بولسا، يىڭلۇك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن.

  تايلاندنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۇلانان 18-چېسلا يىڭلۇكنىڭ مال-مۈلكىنى يالغان مەلۇم قىلىش دېلوسى تاراتقۇلار پەيدا قىلغان ساختا خەۋەر، خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشنى ئادىل پوزىتسىيەدە قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە يىڭلۇكمۇ ھەرقانداق مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ بولدى، دېگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە