باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى قانداق سىگنال بېرىدۇ؟(1)

2013.03.20 16:30        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-مارتتىن 30-مارتقىچە تەكلىپكە بىنائەن رۇسىيە، تانزانىيە، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە كونگو جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەمدە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۇرباندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ بەشىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى ھەمدە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن ئافرىقا رەھبەرلىرىنىڭ سۆزلىشىشىگە قاتنىشىدۇ.

  يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن دۆلەت رەئىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق زىيارىتىدە رۇسىيەنى تۇنجى بېكەت قىلىشى جۇڭگونىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى قەتئىي ئېغىشماستىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنى جۇڭگونىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئالدىن يۆنىلىشى قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىشىنىمىزكى بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرىلىدۇ.

  بۇندىن باشقا، كىشىلەر شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىملىق زىيارىتىدە ئافرىقىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە بارىدىغانلىقىغا دىققەت قىلدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئافرىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، جۇڭگونىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سەمىمىي ئارزۇسىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  جۇڭگو بىلەن ئافرىقا گەرچە دېڭىز ئوكيانلار ئارقىلىق يارىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان تارىخى كەچۈرمىشلەر ۋە ئورتاق نىشانلار ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تەقدىرىنى مەھكەم باغلىغان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋاقىتنىڭ ۋە خەلقئارا بوران چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن.

  يېڭى ئەسىرگە كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشتى. جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ مەنپەئەتى كۈندىن كۈنگە قويۇقلاشتى، ھەمكارلىق مىخانىزمى بارغانسېرى مۇكەممەللەشتى. 2000-يىلى جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رەسمىي قۇرۇلدى. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى ئاستىدا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى ئەكسىچە ناھايىتى راۋاجلىنىپ، ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچگە ئايلاندى. جۇڭگو ئۇدا تۆت يىل ئافرىقىنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى. 2012-يىلى جۇڭگونىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان سودىسى 198 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 20 پىرسەنت ئاشتى، ئافرىقىغا سالغان مەبلىغى 2 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 70 پىرسەنت ئاشتى، ئىككى دۆلەتنىڭ خادىملار ئالاقىسى بىر مىليون 570 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى. بىر تۈركۈم جۇڭگونىڭ داۋالاش ئەترەتلىرى، جۇڭگونىڭ كارخانىلىرى ئافرىقىغا بېرىپ، تاشيول، كۆۋرۈك، مەكتەپ، دوختۇرخانىلارنى سالدى. جۇڭگو ئافرىقا ئەللىرىگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىدە ئادا قىلىپ، قان تەرى ۋە سەمىمىيىتى بىلەن ئافرىقا خەلقىنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يېڭى مەزمۇن ۋە ھاياتى كۈچ ئاتا قىلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە