باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپۇنىيە يادرو خام ئەشيالىرىدىن مىڭ تال يادرۇ ئوق ياسىيالايدىكەن، يادرو كېرەكسىز ماتېرىياللىرىنى تاشقى موڭغۇلىيەدە ساقلىماقچى بوپتۇ

2013.03.20 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەۋەر قىلىنىشىچە، 2012-يىل بېشىغىچە، ياپۇنىيەنىڭ ساقلاۋاتقان يادرو كېرەكسىز ماتېرىياللىرى مىقدارى 14 مىڭ 100 توننىغا يەتكەن، دۆلەت ئىچىدىكى ساقلاش ئەسلىھەلىرىدە ھېچقانچىلىك بوشلۇق قالمىغان. ياپۇنىيە دۆلەت سىرتىدا يادرو كېرەكسىز ماتېرىياللىرىنى ساقلاش بازىسى قۇرۇش نىيىتىدىن ئىزچىل ۋاز كەچمىگەن.

  ياپۇنىيە «كۈندىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ 2011-يىل 9-مايدىكى بىر خەۋرىدە، ياپۇنىيە بىلەن ئامېرىكا بىرلىكتە تاشقى موڭغۇلىيەدە دۇنيا بويىچە تۇنجى يادرو كېرەكسىز ماتېرىياللىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، ساقلاش ئەسلىھەسى قۇرۇش پىلانىنى مەخپىي ئىلگىرى سۈرمەكتە، ئالماشتۇرۇش شەرتى سۈپىتىدە ياپۇنىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى موڭغۇلىيەگە يادرو تېخنىكىسى جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ، دېيىلگەن.

  ياپۇنىيەلىك ئەلئارا زاتلار تاشقى موڭغۇلىيەگە بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىن 700 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مارداي دېگەن جايدا تاشلىۋېتىلگەن بىر ئۇران كېنى يادرو كېرەكسىز ماتېرىياللىرىنى ساقلاشقا باب كېلىدۇ، سەۋەبى: بۇ يەر ئەسلىي ئوران كېنى بولغاچقا، رادىيوئاكتىپلىق ماددىلارنى ساقلاش ئەقىلگە سىغىدۇ؛ تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ پايتەختى ئولانباتۇردىن بىر قەدەر يىراق؛ ئەتراپى ئاز سانلىق مىللەت كەنتلىرى بولغاچقا، كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى قوزغاش تەس؛ تاشقى موڭغۇلىيە پارلامېنتى تەكشۈرۈش ۋە خامچوتنى ماقۇللايدۇ ۋەھاكازالار، دەپ قارىغان.

  ياپۇنىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزو كېلەر ئايدا مۇڭغۇلىيەگە زىيارەتكە بارغاندا بۇ ئىشنى تىلغا ئالامدۇ-ئالمامدۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە