باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2013-يىلى شىنجاڭ دائىرىسدە باشقا جايلاردىمۇ داۋالىنىش كارتىسىنى ئىشلىتىپ ۋاقتىدا ھېسابات قىلغىلى بولىدۇ

2013.03.18 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئامما بىردەك شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا داۋالانغاندا ۋاقتىدا ھېسابات قىلغىلى بولىدىغان «ھەممىباب كارتا»نىڭ بۇلۇشىنى ئارزۇلاپ كەلگەن ئىدى. 2012-يىلى، شىنجاڭدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە سانجى ئوبلاستىدىن كېلىپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە داۋالانغانلارنىلا يەككە يۆنىلىشلىك ھېسابات قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىدى، بىراق باشقا جايلاردىن كېلىپ داۋالانغانلار كارتىلاشنىڭ قولايسىزلىقى، تەرتىپىنىڭ مۇرەككەپلىكى توغرىسىدا ئىنكاس بىلدۈرگەن ئىدى.

  مۇخبىر: داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئامما شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا كېسەل كۆرسەتكەندە قاچان ئاۋۋال ھەق تاپشۇرمايدىغان بولىدۇ ؟ بۇ يىل بۇ جەھەتتە قايسى خىزمەتلەر كونكرېت ئىشلىنىشى كېرەك؟

  ياڭ يۇڭ: بۇ يىللىق نىشان، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى داۋالاشنى بىر تۇتاش پىلانلاش ئورۇنلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە كارتىلاپ داۋالىنىش، بالنىست ھېساباتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە شىنجاڭنىڭ ھەر جايلىرىدىمۇ داۋالىنىش كارتىسىنى ئىشلىتىپ ۋاقتىدا ھېسابات قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

  نۆۋەتتە داۋالىنىش كارتىسىنى ئىشلىتىپ باشقا جايلاردا داۋالىنىش، دورا سېتىۋىلىش پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشقىنى يوق، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى قىسمەن جايلاردا كارتا تېخى ئالماشتۇرۇپ بولۇنمىغان، بەزى جايلارنىڭ كارتا ئىشلىتىش مۇھىتى ئۆزگەرتىلمىگەن، بەزىلىرى ھېسابات قىلىش شەكلىنى پىششىق ئۆگۈنۈپ كېتەلمىگەنلىكتىن، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان كىشىلەر نورمال كارتىلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايۋاتىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 5 مىڭدىن كۆپ بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىدا سىستېما ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، جايلاردىكى ھېسابات خادىملىرىنى تەربىيەلەش لازىم، ئۇلار چوقۇم ئۆز جايىنىڭ داۋالىنىش سىياسەتلىرىنى چۈشىنىشى لازىم، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن باشقا جايلاردا داۋالىنىش كارتىسى ئارقىلىق دەل ۋاقتىدا ھېسابات قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  داۋالىنىش كارتىسى جەھەتتە، شىنجاڭدا يەنە 2 مىليۇن 750 مىڭ «ھەممىباب كارتا» تارقىتىلىشى لازىم، بۇ خىزمەتنىڭ شەھەر ۋە يېزىلاردا ئەھمىيەت بېرىدىغان تەرىپى بولۇپ، شەھەرلەردە يېڭى داۋالىنىش كارتىسىنى ئىشلىتىش مەسىلىسى، يېزىلاردا داۋالىنش كارتىسىنى تارقىتىش مەسىلىسى ناھايىتى مۇھىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە