- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكا-كورېيە ھەربىي مانىۋېرىدا يادرو ئوقلۇق بومباردىمانچى ئايروپىلان كۆرۈندى
چاۋشيەن تاراتقۇلىرى ئامېرىكىنى «ئۇخلىماي چۈش كۆرمەسلىك»كە ئاگاھلاندۇردى
2013.03.20 16:23 مەنبە: خەلق تورى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى 18-چېسىلا يادرو ئوق ئېلىپ يۈرەلەيدىغان B-52 تىپلىق ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى ئامېرىكا-كورېيە بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرىغا قاتناشتۇرۇلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ كورېيەگە بەرگەن بىخەتەرلىك ئەھدىسىنى بىلدۈرگەن. چاۋشيەننىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 19-چېسىلا كورېيە-ئامېرىكا بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى توغرىسىدا يەنە بىر ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان باش جىنايەتچى دەپ ئەيىپلىدى ھەمدە شۇنداقلا ئامېرىكىغا چاۋشيەن ئۈستىدىن ئېغۋاگەرچىلىك قىلىش سۇيىقەستى خۇددى «ئۇخلىماي چۈش كۆرگەن»گە ئوخشاش ئىش دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە