باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر: سايلام كرىزىسنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ

2013.03.19 15:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى گۇرۇھ سۇرىيە مەملىكەتلىك ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى تۈنۈگۈن دەمەشقتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ: سۇرىيە مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى سايلىمى «قاچاق ھۆكۈمەت»نىڭ قىلمىشى، ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۇرىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىنى ئۈزۈپ قويدى دېدى.

  ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۇرىيە مەملىكەتلىك ماسلاشتۇرۇش ئورگىنىنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت»نى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى، پەقەت ئۆتكەن يىلى كۆپ دۆلەت ئىمزالىغان جەنۋە خىتابنامىسىنىڭ روھى بويىچە ئۆكتىچى گۇرۇھ ھەمدە ھازىرقى ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىلا قوبۇل قىلىدىغانلىقى ئېيتىلدى.

  سۇرىيە مەملىكەتلىك ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىرتقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا ھەمدە دىنى توقۇنۇشلارغا قارشى تۇرۇپ، كرىزىسىنى تىنچلىق شەكلى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە