شۋېيتسارىيەلىك ساياھەتچى ھىندىستاندا باسقۇنچىلىققا ئۇچرىدى
2013.03.18 16:52 مەنبە: خەلق تورى
16-مارت، ھىندىستاننىڭ مەركىزىي ئۆلكىسى گۋاليوردا بىر شۋېيتسارىيەلىك ساياھەتچى (سۈرەتتىكى يۈزىنى ئورىۋالغان ئايال) ساقچىنىڭ قوغدىشى بىلەن دوختۇرخانىغا تەكشۈرۈتۈشكە ماڭدى. ھىندىستان ساقچى تەرەپ 16-مارت، بىرقانچە ئەرنىڭ 15-مارت كەچتە ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا ساياھەت قىلىۋاتقان شۋېيتسارىيەلىك ئەر-ئايالنى بۇلىغانلىقىنى، ھەمدە ئېرىنىڭ ئالدىدىلا ئۇنىڭ ئايالىغا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى دەلىللىدى. ھىندىستاندا يېقىندىن بۇيان ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ۋەقەسى كۆپلەپ ئاشكارىلىنپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە-ھۆكۈمەتنى تېزدىن ئاياللارنى قوغدايدىغان يېڭى قانۇن تۈزۈپ چىقىشقا ھەيدەكچىلىك قىلماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە