باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇشتا ئېھتىياتچان بولۇشنى ئۈمىد قىلدى

2013.03.19 16:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي 18-مارتتىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى جاكارلىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى چىقىپ قىلىپ، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چۇك ھاگېل 15-مارت بەش بۇرجەكلىك بىنا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەن چاۋشيەندىن كېلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئارمىيەگە ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىغا قۇرۇقلۇقتا باشقۇرۇلىدىغان بومبا توسۇش قۇرۇلمىسىدىن 14 نى يېڭىدىن كۆپەيتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردۈم دەپ جاكارلىدى.

  خوڭ لېي مۇنداق دېدى: باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى يەر شارى ۋە رايون ئىستراتېگىيەسىنىڭ تەڭپۇڭلىقى ۋە مۇقىملىقىغا، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ئارا ئىشىنىشكە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەرلىك ئورنىتىپ، سىياسىي، دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ كېڭىيىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ھەربىي ئىتتىپاقداشلىقنى كۈچەيتىش ئۇسۇلى-قارشىلىشىشنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا پايدىسى يوق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە