باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئەمەلدارى: رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ

2013.03.19 15:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە تاراتقۇلىرى تۈنۈگۈن رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي رىيابىكوۋنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: ئامېرىكىنىڭ يېقىندا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسى مەسىلىسىدىكى قارشى تۇرۇش مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ دەپ خەۋەر بەردى.

  رىيابىكوۋ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنىڭ تۆتىنچى باسقۇچلۇق پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكى رۇسىيەنى خۇشال قىلالمايدۇ، بارلىق قارارلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى، بىزنىڭ مەيدانىمىزنى ئۆزگەرتىشكە ئاساسىمىز يوق.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسى ئالدىنقى ئۈچ باسقۇچلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشتا كۈچلۈك جانلىقلىققا ئىگە بولدى، بۇ رۇسىيەنىڭ يادرو تەھدىت كۈچىگە تەسىر يەتكۈزدى. رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما مەسىلىسىدە يول قويغۇدەك ئورۇن قالمىدى، شۇڭا قارشى تۇرۇش مەيدانىدا داۋاملىق چىڭ تۇرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلمايدىغانلىقى ھەققىدە «ئەدلىيە كاپالىتى» ھاسىل قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، كەلگۈسىدە، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا داۋاملىق سۆزلىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە