5-مارت، تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر تىلىدا ئەگەشمە تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ئالىمجان سابىت فوتوسى)
2013-يىللىق ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، جۇڭگو مىللەتلەر تىل ـ يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەشكىللىگەن يىغىن كاتىبات باشقارمىسى مىللىي تىل ـ يېزىق گۇرۇپپىسى ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرىنى ئۆز تىلىدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ساداسىنى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا دەل ۋاقتىدا يەتكۈزدى.