14-مارتقىچە، تەرجىمە گۇرۇپپىسى يەتتە ئاز سانلىق مىللەت تىل ـ يېزىقىدا خەلق قۇرۇلتىيى ھۆججىتىدىن 45 نى ، سىياسىي كېڭەش يىغىن ھۆججىتىىدىن 13نى، ئەزالارنىڭ سۆزىدىن 33نى تەرجىمە قىلىپ، خەت سانى 2 مىليۇن 220 مىڭ 200 خەتكە يەتتى، يەتتە خىل ئاز سانلىق مىللەت تىلى بىلەن يىغىنىدا 14 قېتىم ئەگەشمە تەرجىمە قىلىپ، خەت سانى 546 مىڭغا يەتتى؛ ئازسانلىق مىللەت يېزىقىدىكى 16 مىڭ ھۆججەتنى بېسىش خىزمىتىنى تاماملاپ، خەنزۇ يېزىقىدىكى ھۆججەت بىلەن ماس قەدەمدە ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى ۋە ھەيئەتلىرىگە يەتكۈزۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەرجىمانلار گۇرۇپپىسى يەنە شىنخۇا ئاگنېلتىقى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى شۇنداقلا سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى 25 يەرلىك تاراتقۇ ئورۇنلىرىنى يىغىننىڭ ئاساسلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىل تەرجىمىسى بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.