باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېڭىز ئارمىيەسى ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

2013.03.19 10:16        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىر ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 18-مارت «جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئالىي گېنېرالى كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ياپونىيە پاراخوتلىرىغا ئوت كونترول رادارىنى توغرىلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى» دېگەن خەۋىرى ھەققىدە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئالاقىدار نوپۇزلۇق تارمىقىنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى. دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئالاقىدار نوپۇزلۇق تارمىقى مۇنداق دېدى: دېڭىز ئارمىيە قىسمىنىڭ تەشكىلىي قوماندانلىقى مەركەزلىك، بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، ئىجرا بەلگىلىمىسى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلغان.

  ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، خەلقئارا جامائەت پىكرىنى خاتا يېتەكلەش، ھېسداشلىق، قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن نەيرەڭۋازلىق قىلمىش. ياپونىيە پاراخوتقا ئورنىتىلغان ئوت كونترول رادارىنىڭ سىگنال ئالاھىدىلىكى ۋە ئىشلىتىش مەزگىلىنى بىلمەي قالمايدۇ، ياپونىيەنىڭ توختىماي قەستەن بۇرمىلىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس شۇنداقلا كەسپىي ساۋاتىنىڭ چالىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ياپونىيە ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگونىڭ پاراخوت، ئايروپىلانلىرىنى يېقىن ئارىلىقتىن ئىز قوغلاپ نازارەت قىلدى ۋە كاشىلا تۇغدۇرۇپ كەلدى، ھەتتا خەتەرلىك يېقىنلىشىش ھەرىكىتىنى قوللىنىپ، جۇڭگو پاراخوت، ئايروپىلانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. ياپونىيەنىڭ جۇڭگو پاراخوتلىرىنىڭ ئوت رادارى ياپونىيە پاراخوتلىرىنى نىشانلىدى دەپ توختىماي بۇرمىلىشى ھەم ناھايىتى مەسئۇلىيەتسىز سۆزلەرنى قىلىشى-ئۇنىڭ جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇملۇقىنى كۆزدە تۇتماسلىق، دياۋيۈ ئارىلىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈشتەك قەبىھ نىيىتىنى يەنىمۇ ئاشكارىلاپ بەردى. ياپونىيە ئەگەر جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇملۇقىنى ھەقىقىي قوغداشنى خالىسا، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ئويدۇرۇپ چىقىرىش ۋە قەستەن بۇرمىلاش قىلمىشىنى توختىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە