باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كىم ئىراقتا نېفىت جەھەتتە ئەڭ كۆپ پايدىغا ئېرىشتى؟(2)

2013.03.22 11:14        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نېفىت بازىرىدىكى خەتەر ۋە قىزىقتۇرۇش

  ئىراق ھۆكۈمىتى نېفىت سېلىنمىسىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، نېفىت مىنىستىرى لۇئەببى مۇنداق دېدى: كەلگۈسى بەش يىلدا 173مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، نېفىت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە قايتا ئىشلەپچىقىرىشىنى كېڭەيتىمىز، بەش يىل ئىچىدە نېفىت كىرىمىنى 600مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا، نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كۈنىگە 9مىليون باكقا يەتكۈزىمىز. ئەگەر بۇ ئىشقا ئاشۇرۇلسا، ئىراقنىڭ ئوتتۇرا شەرق نېفىت ئەندىزىسى ھەتتا دۇنيا بازىرىدىكى ئورنى يەنىمۇ ئۆسۈپ، ھەقىقى نېفىت چوڭ دۆلىتىگە ئايلىنىدۇ.

  ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانىغا قارىتا، خەلقئارا ئېنېرگىيە باش مەھكىمىسى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ ئىراقنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى.

  ئىراقنىڭ نېفىتنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب- ئىراق مەملىكەت ئىچى نېفىت بازىرىنى ئىچىۋېتىپ، خەلقئارا نېفىت شىركىتىنىڭ مەبلەغ سېلىپ ئېچىشىغا رۇخسەت قىلدى. ئەتراپتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇنىڭغا يول قويمايدۇ.

  چەتئەللەردىكى نېفىت شىركەتلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىراق بازىرىغا كېرىشتە خەتەر ھەم قىزىقتۇرۇش تەڭ مەۋجۇت. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇرد رايونى بىلەن مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ نېفىتنى ئېچىش توغرىسىدا ئىزچىل تالاش-تارىتىش بار. كۇردلارنىڭ خەلقئارا نېفىت شىركىتى بىلەن ئىمزالىغان ئېچىش كېلىشىمى باغداتنىڭ ئېتىراپ قىلماسلىق خەتىرىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئىراق مەملىكەت ئىچىدە زوراۋانلىق توقۇنۇشمۇ بەزىدە يۈز بېرىدۇ، بۇ نېفىت ئېچىش بىخەتەرلىك تەننەرقىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.

  ئىراقنىڭ نېفىت جەھەتتىكى ئەرزان ئىشلەپچىقىرىش تەننەرقى نۇرغۇن چوڭ شىركەتلەرنى قىزىقتۇردى. ئىراقنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش تەننەرقى رۇسىيەنىڭكىدىن 11 ھەسسە، كانادانىڭكىدىن 13 ھەسسە تۆۋەن. شۇڭلاشقا 2009-يىلى ئىراق ھۆكۈمىتى سەككىز نېفىت تەبئىي گازلىقىنى ئېچىشقا خەلقئارا نېفىت كارخانىلىرىدىن ئاشكارا خېرىدار چاقىرغاندا بۇنىڭغا قاتناشقان شىركەتلەر نەچچە ئونغا يەتتى.

  خەلقئارادا خام نېفىتتىن ئالىدىغان پايدا ئەڭ زور

  غايەت زور بولغان ئىراق نېفىت بازىرىدىن كىم ئەڭ چوڭ پايدىغا ئېرىشىدۇ دەپ سورايدىغان بولساق، خەلقئارا ئېنېرگىيە باش مەھكىمىسى: جۇڭگو دەپ جاۋاب بېرىدۇ. 2009-يىلى ئۆكتەبىردە جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى ئەنگلىيە نېفىت شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ ئىراقتىكى ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى رۇمايلانى سېتىۋالدى. خەلقئارا ئېنېرگىيە باش مەھكىمىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2020-يىلىدىن ئىلگىرى ئىراقنىڭ %80 نېفىتى ئاسىياغا ئاقىدىكەن.

  جۇڭگو ھەقىقەتەن ئەڭ چوڭ نەپكە ئېرىشكۈچى دۆلەتمۇ؟ ئامېرىكا تەبىئىي بايلىق كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچىسى ياڭ فۇچياڭ بۇنى ئىنكار قىلدى. ياڭ فۇچياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىراق نېفىت كەسپىنىڭ گۈللىنىشىدىن پۈتكۈل نېفىت بازىرى نەپكە ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى نېفىت ئېھتىياجى ئانچە زور ئەمەس، خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ بازاردىكى باھاسى مۇقىملاشماقتا ھەمدە تۆۋەنلىمەكتە.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ ئىراقتا نېفىت ئېچىش ھوقۇقى بار، ئىراقنىڭ نېفىتىنى بىۋاسىتە جۇڭگوغا ئېلىپ كېلىش ھوقۇقى يوق، ئىراقنىڭ نېفىتى يەنىلا خەلقئارا بازاردا سېتىلىدۇ. جۇڭگو: ئىراقتىن نېفىت ئىمپورت قىلماستىن، خەلقئارا بازاردىكى باشقا يەرلەردىن نېفىت سېتىۋالىدۇ.

  ياڭ فۇچياڭ مۇنداق دېدى: ئەگەر پايدا ئالدى دېسەك نۆۋەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر كۆپرەك نەپكە ئېرىشىشى مۇمكىن ، ئۇلارنىڭ نېفىتقا بولغان تايىنىشچانلىقى بىر قەدەر زور. بىراق ئىراقنىڭ ۋەزىيىتى مۇقىم، نېفىت بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولۇپ، پۈتكۈل نېفىت بازىرىغا نىسبەتەن پايدىلىق.

  ياڭ فۇچياڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ياۋروپا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىراققا تۇتقان ئېھتىياتچان ئىپادىسىدە باھا ئامىلىنى يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ ھەم ئىراقنىڭ جەمئىيەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئىراقتىكى نېفىتتىن ئالىدىغان پايدىسى باشقىلارنىڭ مۆلچەرىدىكىدەك ئەمەس. جۇڭگو ئېنېرگىيەسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان كانادا ئالبېرتا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جياڭ ۋېنرەن ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: جۇڭگونىڭ نېفىتلىقنى ئېچىش تەننەرخى رىقابەتچىسىدىن تۆۋەن. جۇڭگودىكى دىرېكتور ۋە ئىنژېنېرلارنىڭ ئىش ھەققىمۇ غەربتىكى كارخانىلارنىڭكىدىن تۆۋەن.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە