باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ يېڭىدىن قوبۇل قىلغان 3000 مەمۇر، 2000 ئوقۇتقۇچىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا بىر يىللىق يەسلى قوش تىللىق مائارىپىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ئەۋەتىدىكەن

2017.09.11 09:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشچە، بۇ يىل كۈزدىكى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، شىنجاڭ يېڭىدىن قوبۇل قىلغان 3000 مەمۇر، 2000 ئوقۇتقۇچىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزىلىرىغا بىر يىللىق يەسلى قوش تىللىق مائارىپىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ئەۋەتىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان مەمۇرلار سىياسىي-قانۇن مەخسۇس ئىشتاتىغا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان خەلق ساقچىلىرى، ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى يېزا-بازار مەمۇرلىرى، تاللاپ ئىشلەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى؛ يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

  بەلگىلىمە بويىچە، تاللاپ ئەۋەتىلگەن 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى يازلىق، قىشلىق تەتىلدىن بەھرىمەن بولىدىكەن، مائارىپقا ياردەم بېرىش مەزگىلىدە جەنۇبىي شىنجاڭدا خىزمەت قىلىش تولۇقلىمىسىغا ئېرىشكەندىن سىرت يەنە ھەر ئايدا 2600 يۈەن تۇرمۇش تولۇقلىمىسىغا ئېرىشىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ كادىرلار ئىشلىرى مۇناسىۋىتى ئەسلىدىكى ئىش ئورنىدا بولىدىكەن، تەمىناتى ئۆزگەرمەيدىكەن، ۋاقتى توشقاندا ئەسلى ئورنىغا قايتىدىكەن. يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار ئالاھىدە ئىش ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بولسا، بىر يىل توشقاندا بېكىتىلگەن مەكتەپتە داۋاملىق ئىشلەيدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر