باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ ئۇلۇغۋار پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرەيلى، مول نەتىجىلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە يول ئاچايلى

2017.07.17 14:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكىلەر 6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان پەيتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 7- ئاينىڭ 15- كۈنى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ 8- تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى بويىچە خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىپ، نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەپ، ئىلغارلارنى تەقدىرلەپ، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە يېڭى كۈچ قوشۇشقا سەپەرۋەر قىلدى.

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دۆلەت ئىستراتېگىيەسى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 1997- يىلى تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئەۋەتكەندىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى 20 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. 20 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان نەچچە تۈركۈم كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭنى يۇرتۇم، ھەر مىللەت ئاممىنى تۇغقىنىم دەپ بىلىپ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، مول نەتىجىلەرنى يارىتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يولىنى ئاچتى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنى ھەر ۋاقىت ئويلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى، باش شۇجى ئۆزى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى يەنىمۇ بېيىتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى تۇرغۇزۇپ بەردى. مەركەز 6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى يىغىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش ياساشقا تۈرتكە بولدى، شىنجاڭ خىزمىتى بۇنىڭ بىلەن يېڭى تارىخىي پەللىگە قەدەم قويدى.

  مۇشۇنداق دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىدىكى 8- تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ھەقىقىي ھېسسىياتى ۋە مەردانىلىقى بىلەن ۋەتەننىڭ غەربىي شىمال چېگراسىغا كېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئائىلىسىنى قايرىپ قويۇپ، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش، ئىتتىپاقلىشىپ تۆھپە قوشۇش، يېڭىلىق يارىتىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش»تەك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق- مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاتلاندى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئۇلار بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، مۇقىملىقىنى قوغداش ئالدىنقى سېپىگە پائال ئاتلىنىپ، تىرىشىپ ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداش ئاۋانگارتلىرىدىن بولدى؛ ئۇلار ئاممىغا مۇھەببەت باغلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش بويىچە بىر تۈركۈم تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» قاتارلىق پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە باشتىن- ئاخىر ئالدىدا مېڭىپ، نەمۇنىچىلاردىن بولدى؛ ئۇلار مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، كۆۋرۈكلۈك، تۈگۈنلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپىسى، ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشتى. ئۇلار ياشلىق باھارى ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلققە سادىق بولۇش قەسىدىسىنى يېزىپ، تۆھپىسى ۋە مۇھەببىتىنى شىنجاڭنىڭ 1 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن كۆپرەك بىپايان زېمىنىغا نەقىشلىدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۇلارغا چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ.

  يېقىندا چاقىرىلغان 6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا، شىنجاڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت چوڭقۇر ئانالىز قىلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن 6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق- مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر نىيەت- بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، ئىناق- ئىتتىپاق، باي- قۇدرەتلىك، مەدەنىي- تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك!

  شۇنىڭغا قەتئىي ئىشنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دانا رەھبەرلىكى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچلۈك قوللىشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىشى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا جەزمەن يېتەلەيمىز، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر