باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ كوماندىسى CBA پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىدە، قارشى تەرەپ مەيدانىدا لياۋنىڭ كوماندىسىنى ئۇتۇپ، ئومۇمىي نەتىجىدە 3:0 پەرق بىلەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ مۇسابىقە نۇقتىسىغا يېتىپ كەلدى

2017.03.17 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-مارت كەچتە, ( 2017- ، 2016- ) يىللىق CBA پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 3-ئايلانمىسىدا، شىنجاڭ كوماندىسى قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا، ئومۇمىي مۇداپىئەدە ۋە ھۇجۇمدا ياخشى بولغان ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، 108 كە قارشى 116 نومۇر بىلەن لياۋنىڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ بېنشى شەھىرىدە مۇھىم بىر مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇمىي نەتىجىدە 3:0 پەرق بىلەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ مۇسابىقە نۇقتىسىغا يېتىپ كەلدى.

  بىرىنچى چارەك مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسى توققۇز نومۇر پەرقنى ساقلىدى. ئىككىنچى، ئۈچىنچى چارەك مۇسابىقىدە، ئىككى چەت ئەللىك ماھىرنىڭ ماھارىتىنى ئالاھىدە جارى قىلدۇرۇشى ئاستىدا، پەرقنى 32 نومۇرغا تارتىپ، مۇسابىقىنىڭ يېڭىش- يېڭىلىشىنى ئاساسەن بەلگىلەپ قويدى. تۆتىنچى چارەك مۇسابىقىدە، لياۋنىڭ كوماندىسى ھەممىنى دوغا تىكىپ مۇسابىقە ئوينىدى ۋە ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنۇتتا پەرقنى ئالتە نومۇرغا چۈشەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇتتۇرۇش تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمىدى. شىنجاڭ كوماندىسى ئالدىدا ئېرىشكەن يۇقىرى نومۇر پەرقى بىلەن، مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىدا غەلىبىگە ئېرىشەلىدى.

  شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشىگە پەقەت بىر مەيدان يېڭىشنىڭ ئىشى قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر