- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول قاتنىشىدا يازلىق يولۇچى توشۇش يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى
2016.07.18 14:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇخبىرىمىز يۈەن لېينىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى 16 - ئىيۇل 113 مىڭ 86 يولۇچى (قېتىم) توشۇغان، بىر ھەپتىدە كۈنلۈك يولۇچى توشۇش مىقدارى جەھەتتە ئۈچ قېتىم رېكورت يارىتىلغان.
2016 - يىلى ياز كىرگەندىن بۇيان، ئوقۇغۇچىلار، ساياھەتچىلەر، سودىگەرلەر شىنجاڭ تۆمۈريول قاتنىشىنىڭ ياز پەسلىدىكى يولۇچى توشۇش يۇقىرى پەللىسىنى شەكىللەندۈرگەن، 9 - ئىيۇل توشۇلغان يولۇچى 111 مىڭ 348 (قېتىم)گە يېتىپ، رېكورت يارىتىلغان؛ 11 - ئىيۇل رېكورت يېڭىلىنىپ، 112مىڭ 315 (قېتىم)كە يەتكەن؛ ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ رېكورت 16 - ئىيۇل 3 - قېتىم يېڭىلانغان.
شىنجاڭ تۆمۈريول قاتنىشىنىڭ 2016 - يىللىق يازلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتى 1 - ئىيۇلدىن 31 - ئاۋغۇستقىچە 62 كۈن داۋاملىشىدۇ، يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ 6 مىليون (قېتىم)دىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر