باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن، شۆھرەت زاكىر قاغىلىقتىكى پەۋقۇلئاددە زور لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەن ئاممىدىن ھال سورىدى

2016.07.18 14:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 16 - ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، مەخسۇس قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئۈسەس يېڭى كەنتىگە كېلىپ، 6 - ئىيۇل قاغىلىقتا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە زور لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئامما ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىلغار پارتىيە ئەزالىرىنى يوقلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىكنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كېيىنكى كۈنلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

  6 - ئىيۇل، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزا ئۈسەس كەنتىدە ئۇشتۇمتۇت قارا يامغۇر يېغىپ، پەۋقۇلئاددە زور لاتقا - شېغىللىق ئېقىن كېلىپ، تاغ گۈمۈرۈلۈپ، زور تالاپەت كۆرۈلدى. يول، توك، ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى. ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويدى، قەشقەر ۋىلايىتى، قاغىلىق ناھىيەسى، كۆكيار يېزىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر خەتەرگە قارىماي ئۈسەس كەنتىگە باردى، تەرەپ - تەرەپتىن ياردەمگە كەلگەنلەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ، يارىدارلارنى داۋالاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇردى.

  ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تۇرمۇش شارائىتىنى تۈپتىن ياخشىلاش ئۈچۈن، ۋىلايەت، ناھىيە ۋە يېزىلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاھالە يىغىنى ئېچىپ، ئاممىنىڭ تولۇق پىكرىنى ئالدى، ھەممەيلەن ئۈسەس كەنتىنى 170 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قاغىلىق ناھىيەسىگە كۆچۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

  11 - ئىيۇل كەچتە، كەنتتىكى 106 ئائىلىدىكى 311 كىشى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ سانائەت رايونىغا يانداش سېلىنغان «دۇڭچېڭ» مەھەللىسىدىكى كاپالەتلىك ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. يۇرت - ماكانىنى كەلكۈن بېسىپ كەتكەن، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تاغدا ياشاپ كەلگەن بۇ كىشىلەر پارتىيە - ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىنى ناھىيەدىكى يېپيېڭى بىنا ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى زادىلا ئويلاپ باقمىغانىدى.

  يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگىنىگە تېخى نەچچە كۈن بولغان ئۈسەس كەنتىدىكىلەر ئۆيلىرىنى يىغىشتۇرۇۋاتقانىدى، بىنا ئۆيلەر پاكىز، رەتلىك، سۇ، تەبىئىي گاز، ئالاقە تورى قاتارلىقلار تەل ئىدى. ھەممەيلەننىڭ ئۆيلىرىدە گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، ئۆي جاھازلىرى، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، يوتقان - كۆرپە قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىرى تولۇق ئىدى، ناھىيە بۇلارنى كەنت ئاھالىسىنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى تېزراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلىغانىدى.

  جاڭ چۈنشيەن، شۆھرەت زاكىر ئۈسەس كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، 44 ياشلىق ئالىم تۇردىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنى يوقلىدى. ئاپەت يۈز بەرگەندە، ئالىم تۇردى ئالدى بىلەن كەنتتىكىلەرگە ئېگىزرەك جايغا بېرىپ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشنى ئېيتقان ھەم سىرتتىن كېلىپ كەنتتە ئىشلەۋاتقان بىر نەچچە خەنزۇ دېھقاننىڭ يېنىغا ئالايىتەن بېرىپ، تېزراق باشقا جايغا يۆتكىلىشنى ئۇقتۇرغانىدى. كەنتتكىلەر بىخەتەر جايغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، ئۇ 15تۇغقىنىنىڭ زور لاتقا - شېغىللىق ئېقىندا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلگەنىدى. ئالىم تۇردى قەلبىدىكى قاتتىق قايغۇ - ئەلەمنى بېسىپ، يەنىلا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە كۆچۈرۈش خىزمىتى ئالدىنقى سېپىگە ئاتلانغانىدى.ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا قۇربان بولغان پارتىيە ئەزاسى توختى سادىق، ئامانلىق ساقلىغۇچى تۇنىياز تۇرا ۋە ھامىدىن ئابدۇرېھىمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمۇ ئالىم تۇردىنىڭ ئۆيىگە كەلدى. جاڭ چۈنشيەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا قۇربان بولغان قەھرىمانلارنىڭ ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئالىم تۇردىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى ئالقىشلىدى، ئۇلارنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى، دەپ ماختىدى.

  ئالىم تۇردى مۇنداق دېدى: مەن پارتىيە ئەزاسى، كەنت كادىرى. ئاپەت يۈز بەرگەندە مەن كۆپچىلىكنىڭ يۆلەنچۈكى بولۇشۇم، كۆپچىلىككە باشلامچىلىق قىلىپ بىرلىكتە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشۇم كېرەك.

  كەنت ئاھالىلىرى ھازىرقى تۇرمۇشىدىن رازىمۇ؟ كۆپچىلىكنىڭ يەنە قانداق قىيىنچىلىقى بار؟ كەنتنىڭ كېيىنكى قەدەمدە قانداق پىلانى بار؟... جاڭ چۈنشيەن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، كۆپچىلىك بىلەن دەرقەمدە ئولتۇرۇپ، ئۇلاردىن كونكرېت ئەھۋاللارنى سورىدى.

  ئالىم تۇردى مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ناھايىتى ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكە ئويلاپتۇ. بىز بىر پۇڭ خەجلىمەيلا مۇشۇنداق ياخشى، يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردۇق. ۋىلايەت، ناھىيەدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار ئۆزلۈكىدىن پۇل ۋە بۇيۇملارنى ئىئانە قىلدى. بۇ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئاشلىق، ياغلارنى كۆپچىلىك ئىئانە قىلغان. مەھەللىدىكى ئاھالىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭى ئۆيىمىزگە كېلىپ، كۆپچىلىككە گاز ئوچاق، تېلېۋىزور قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ قويدى. ھەممەيلەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. ناھىيە قىسقىغىنا بىر نەچچە كۈندە 130 نەچچە ئادەمنى پاراۋانلىق ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇردى، قالغانلارنى يېقىن ئەتراپتىكى سانائەت رايونىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تەربىيەلىنىشكە ئورۇنلاشتۇردى، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى، كۆپچىلىكنىڭ يېڭى تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدى ئاشتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: پارتىيە، ھۆكۈمەت بولسىلا يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق! مەن ئالىم تۇردىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشنىڭ يولىنى، مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان كەنتتىكى بارلىق ئاممىنى ئازابنى بالدۇرراق ئۇنتۇپ، تېخىمۇ ياخشى يېڭى تۇرمۇشقا يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جاڭ چۈنشيەن قەشقەر ۋىلايىتى، قاغىلىق ناھىيەسى ۋە ئالاقىدار ئورۇن، تارماقلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى ئىشلەپچىقىرىش - تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇش قىياپىتىنى تەلتۆكۈس يېڭىلاپ، كۆپچىلىكنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشىنى تاپىلىدى.

  مەھەللىدە، ئەمدىلا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن كەنت ئاھالىسى جاڭ چۈنشيەننى ئورۇۋېلىشتى. «بۇنداق ياخشى ئۆيدە ئولتۇرۇش چۈشۈمگىمۇ كىرمىگەنىدى»، «پارتىيەنىڭ بىزگە يېڭى تۇرمۇش ئاتا قىلغانلىقىغا رەھمەت»، «ئاپەت بىزنى قورقۇتالمايدۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئەگەشسەكلا، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ»... كۆپچىلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىقىنى بەس - بەستە بىلدۈرۈشتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، يىقىن جايدا ئىشقا ئورۇنلىشالايدۇ، تۇرمۇشى جەزمەن تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت، ناھىيەدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، سانائەت رايونىغا تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتىنى كۆپەيتىپ، ئاممىنىڭ ئەسلىدىكى ئوتلاق، تېرىلغۇ يېرىنى ساقلاپ قېلىپ، يوللارنى تۈزلەپ، ئاممىنىڭ بېرىپ - كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنىڭ پۇختا ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، ئەركىن تۇنىياز، پېڭ جيارۈي، ۋەن خەيچۈەن يوقلاش ۋە ھال سوراشتا بىللە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر