باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016 - يىللىق «يىپەك يولى» خەلقئارا ئاپتوموبىل راللى مۇسابىقىسىنىڭ جۇڭگو بۆلىكىدىكى مۇسابىقىسى باشلاندى

2016.07.18 14:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇسابىقىگە قاتناشقان ئاپتوموبىللار 16-ئىيۇل كەڭساي كۆۋرۈكىدىن ئۆتمەكتە.

  2016 - يىللىق «يىپەك يولى» خەلقئارا ئاپتوموبىل راللى مۇسابىقىسىنىڭ قازاقىستاندىكى ئاخىرقى مۇسابىقە بۆلىكى 16 - ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ئاپتوموبىل كوماندىلىرى قورغاس پورتىدا چېگرادىن ئۆتۈپ، جۇڭگودىكى تۇنجى بېكەت −− بورتالا شەھەرلىك بەيگە مەيدانىغا يىغىلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك راللى ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى 8 - ئىيۇل رۇسىيە پايتەختى موسكۋادىكى قىزىل مەيداندا باشلىنىپ، رۇسىيە ۋە قازاقىستاندىكى يەتتە مۇسابىقە بۆلىكىنى ئاخىرلاشتۇردى. جۇڭگودا سەككىز مۇسابىقە بۆلىكى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، پۈتكۈل مۇسابىقە بېيجىڭدىكى «چاڭگا مەيدان»دا ئاخىرلىشىدۇ. 39 دۆلەت (رايون)دىن كەلگەن 120 نەچچە ئاپتوموبىل كوماندىسى 16 كۈندە 15 مۇسابىقە بۆلىكىدىكى 10780.13 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى تاماملايدۇ.

  «يىپەك يولى» خەلقئارا ئاپتوموبىل راللى مۇسابىقىسى 2009 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيۇشتۇرۇلغان، بۇرۇن رۇسىيە، قازاقىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن، بۇ يىل جۇڭگودىمۇ مۇسابىقە بۆلىكى تەسىس قىلىنغاچقا، تۇنجى قېتىم ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كېسىپ، رۇسىيە، قازاقىستان، جۇڭگونىڭ پايتەختلىرىدىن ئۆتۇپ، 2016 - يىلىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دالا ئاپتوموبىل راللى مۇسابىقىسىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقە جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن مۇھىم خەلقئارالىق مۇسابىقە، جۇڭگو - رۇسىيە ئارىسىدىكى مۇھىم تەنھەرىكەت پائالىيىتى بولۇپلا قالماي، جۇڭگو - رۇسىيە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەنھەرىكەت ھەمكارلىقىدا ئىجابىي رول ئوينايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر