باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاراقاش ناھىيەسىدىكى قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزۇش يولىدا قۇربان بولدى

ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا - ئانىلار ئابدۇخەبەر جامالنى ھايات چېغىدا «<تۆتتە ياخشى> ئوقۇتقۇچى» دەپ تەرىپلىشەتتى

2016.07.18 14:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى كۈندىن بۇيان، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ جاھانباغ يېزىسىدىكى ئوقۇغۇچىلار، ئاتا - ئانىلار ۋە كەنت ئاھالىلىرى قايغۇ ئىچىدە ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى پۇرچاقچى يېزىسىغا بېرىپ، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئوقۇتقۇچى ئابدۇخەبەر جامال بىلەن ۋىدالاشتى.

  15 - ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، جاھانباغ يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇخەبەر ناھىيەدىن پۇرچاقچى يېزىسىدىكى ئۆيىگە قايتىۋاتاتتى. سائەت 17دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇ قاراقاش دەرياسى بويىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، توساتتىن «قۇتقۇزۇڭلار!» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدى. ئۇ ئىككى بالىنىڭ سۇدا جان تالىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال سۇغا سەكرىدى. سۇ بىر قەدەر چوڭقۇر بولغاچقا، ئابدۇخەبەر بىر قولىدا بىر بالىنى تارتقىنىچە كۈچەپ قىرغاققا قاراپ ئۈزدى. شۇ ئەسنادا بۇ جايدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان شىرئەلى ئابلەتمۇ سۇغا ئۆزىنى ئاتتى، ئىككىيلەن بىرلىكتە بالىلارنى قۇتقۇزۇپ قىرغاققا ئېلىپ چىقتى.

  لېكىن، ھېرىپ ماغدۇرىدىن كەتكەن ئابدۇخەبەر سۇغا چۆكۈپ كەتتى. بىر سائەتتىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋە يۇرتداشلار ئابدۇخەبەرنىڭ جەسىتىنى سۇدىن سۈزۈپ چىقتى.36 ياشلىق ئابدۇخەبەر جامال قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى، 2005 - يىلى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزۈپ، ئىزچىل جاھانباغ يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.

  جاھانباغ يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئىمىرجان راخمان مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بىر نەچچە قېتىم ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى، ئىمىرجانمۇ سۇغا چۈشۈپ، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئابدۇخەبەرنى ئىزدىگەنىدى.

  ئىمىرجان تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى، ئابدۇخەبەر تىرىشچان، ئىقتىدارلىق، ئىنتايىن ئاقكۆڭۈل غوللۇق ئوقۇتقۇچىمىز ئىدى. يېڭى قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قىلاتتى. يەتتە يىلدىن بۇيان، نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ۋە يېتىم بالىلارغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارغا ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ بەرگەنىدى. بۇ يىل ئۇ مەكتەپ دەرىجىلىك «تۆتتە ياخشى» ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالىنىپ، ناھىيە دەرىجىلىك «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى»لىققا كۆرسىتىلمەكچى بولغانىدى.

  مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى مۇھەممەت ياسىن يېشىنى توختىتالماي مۇنداق دېدى: ئابدۇخەبەر تولۇقسىز 2 - يىللىق 9 - سىنىپنىڭ سىنىپ مۇدىرى ئىدى، ئۈچ سىنىپقا قوش تىل دەرسى بېرەتتى، ھەر ھەپتىدە 15 سائەت دەرس ئۆتەتتى. نورمال ئەھۋالدا سىنىپ مۇدىرلىرى ھەپتىدە ئون سائەت دەرس ئۆتسە بولاتتى، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل بولغاچقا، ئابدۇخەبەر كۆپرەك دەرس ئۆتۈشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلغانىدى.

  بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئابدۇخەبەر جامالغا بىردەك «ھەققانىي، ئاقكۆڭۈل، مەسئۇلىيەتچان» دەپ باھا بەردى، كۆپچىلىكنىڭ نەزەرىدە ئۇ چىقىشقاق ۋە مۇلايىم ئوقۇتقۇچى ئىدى.

  تولۇقسىز 2 - يىللىق 9 - سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەخەت ئەلى مۇنداق دېدى: مۇئەللىمنىڭ ئۆلۈمىدىن بەك قايغۇردۇم، مۇشۇنداق ياخشى ئۇستازىم بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن، ناۋادا شۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ قالسام، مەنمۇ ئابدۇخەبەر مۇئەللىمدەك كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر