باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز سوت مەھكىمىلىرىدە ئەرزىيەت دىلولىرىنى بېجىرىش، ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ

2016.07.15 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا «خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئەرزىيەت دىلولىرىنى بېجىرىش، بىر تەرەپ قىلىشىغا ئائىت بىر قانچە مەسىلە ھەققىدىكى پىكرى»نى چۈشۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىن ئەرزىيەت دىلولىرىنى بېجىرىش، ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئەرزىيەت دىلولىرىنى بېجىرىش، ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىشى، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بېجىرىشكە تاپشۇرغان ئەرزىيەت دىلولىرىنى تاختا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىشى، كۆزىتىپ ھەيدەكچىلىك قىلىشى، رەھبەر باش بولۇپ بېجىرىش قاتارلىق ئۈنۈملۈك خىزمەت ئۇسۇلى ئارقىلىق بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى لازىم. تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەيدەكچىلىك قىلىش پىكرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىسە ياكى ئەرزىيەت ياراشتۇرۇش خىزمىتى ئۇزۇن مۇددەت توختاپ قالسا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ياكى ئىجرا قىلغۇچى ئىدارە باشلىقى بىلەن سۆزلىشىپ ئاگاھلاندۇرسا، تۈزىتىش تەلىپى چىقارسا بولىدۇ.

  پىكىرگە ئاساسلانغاندا، ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى «ئىجرا جايىدا بولۇش، ئۈنۈملۈك ياراشتۇرۇش»تەك پىرىنسىپ بويىچە يولغا قويۇش تۈرىدىكى ئەرزىيەت دىلولىرىنى ئىجرا قىلىپ بېجىرىشى لازىم. ئەگەر ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ ئىجرا قىلىشقا تەمىنلىگۈدەك مال-مۈلكى بار بولسا، ھەرخىل ئىجرا ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، جايىدا ئىجرا قىلىش لازىم؛ ئەگەر ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىجرا قىلىشقا تەمىنلىگۈدەك مال-مۈلكى بولمىسا، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئەرزنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئەرزىيەتنى توختىتىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەرزىيەت زىددىيىتىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر