باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۈچۈن مۇناسىپ بولغان مائاش باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ

2016.07.15 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزمى يېتەرلىك بولماسلىق، تەقسىمات ئەندىزىسى يەككە بولۇش، كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى خادىملارنىڭ مائاش تەمىناتى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 14-ئىيۇل «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مائاش باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن مۇناسىپ بولغان مائاش باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مائاش ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇردى ھەم ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مائاشىنى نەقلەشتۈرۈش، مائاش باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، مائاشنىڭ نورمال ئېشىش مېخانىزمى، ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى تاپشۇرۇش مېخانىزمى، مائاش باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى تەشكىلىي رەھبەرلىك قاتارلىق تەرەپلەردە قېلىپلاشتۇرۇش پىكرى ئېلان قىلدى.

  «پىكىر»گە ئاساسلانغاندا، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئىچكى قىسىمدىكى مائاش تەقسىملەشكە قارىتا مۇستەقىل ھوقۇقى بار بولۇپ، كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى خادىملارغا قارىتا ئاساسلىقى ئىش ئورنى ئۈنۈم مائاشى تۈزۈمى قوللىنىلىدۇ، مائاش ئاساسلىقى ئاساسىي مائاش، ئۈنۈم مائاشى، ياردەم پۇلى ۋە تولۇقلىما قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ. مائاش تەقسىملەشتە ھالقىلىق ئىش ئورنى ۋە يادرولۇق ئىختىساسلىقلارغا مايىللاشتۇرۇلىدۇ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان خادىملارغا قارىتا ئىلھاملاندۇرۇش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ.

  «پىكىر»دە، بازارلاشقان تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان ۋە باشقۇرۇلىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلات مەسئۇللىرى، تەكلىپ قىلىنغان كەمچىل ئىقتىساسلىقلارغا قارىتا، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مائاش سەۋىيەسىنى ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىشكە بولىدىغانلىقى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر