- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو خەلقئارا قانۇننىڭ ئىززەت-ئابرويى ۋە كەسكىنلىكىنى قەتئىي قوغدايدۇ
2016.07.15 15:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 13-ئىيۇل سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو فىلىپپىن سۇنغان جەنۇبىي دېڭىز كېسىم لايىھەسى توغرىسىدىكى قانۇنسىز كېسىمنى قوبۇل قىلمايدۇ، بۇ ئۆزىمىزنىڭ يوللۇق ھوقۇقىمىزنى قوغدىغانلىق بولۇپلا قالماستىن، خەلقئارا قانۇنچىللىق ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغدىغانلىق.
لۇ كاڭ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقئارا قانۇننىڭ ئىززەت-ئابرويى ۋە كەسكىنلىكىنى قەتئىي قوغدايدۇ، قانۇنسىز كېسىم سوتىنىڭ قانۇنسىز ھۆكۈمىنىڭ قانۇنىي چەكلەش كۈچى بار دېگەندەك غەلىتە گەپلەرگە قوشۇلمايدۇ.
لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو فىلىپپىن سابىق ھۆكۈمىتى كېسىم سوتىغا سۇنغان ئىش زىمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ماجراسىغا چېتىلىدۇ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى»غا تەۋە ئەمەس، دەپ كۆپ قېتىم بىلدۈردى. بۇ ئەھدىنامىدە ئېنىق بەلگىلەنگەن. ناۋادا دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئايرىشقا چېتىلسا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەھدىنامىنىڭ 298-ماددىسىغا ئاساسەن، باشقۇرۇش دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىش توغرىسىدىكى باياناتنى ئېلان قىلغان. شۇنى تەكىتلەيمەنكى، بۇنداق باشقۇرۇش دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىش توغرىسىدىكى بايانات ئېلان قىلغان دۆلەت جۇڭگولا ئەمەس، نەچچە ئون دۆلەت بار. مەسىلەن، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بەش دۆلەت ئىچىدە، بىر دۆلەت بۇ ئەھدىنامىغا ھازىرغىچە قاتناشمىغاندىن باشقا قالغان تۆت دۆلەت باشقۇرۇش دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىش باياناتى ئېلان قىلغان. بىزنىڭچە، بۇ باياناتلار ئەھدىنامىنىڭ مۇكەممەللىكىنى شەكىللەندۈرىدىغان تەركىبى قىسىم.
لۇ كاڭ يەنە مۇنداق دېدى: بىز ئۇلارنىڭ خەلقئارا قانۇننى ئويۇن ئورنىدا كۆرمەي، جۇڭگو، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆپ سانلىق ئەزالىرىغا ئوخشاش خەلقئارا قانۇنغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى، خەلقئارا قانۇننى بۇرمىلاش، خەلقئارا قانۇندىن تاللاپ تۇرۇپ قالايمىقان پايدىلىنىش ئارقىلىق ئېغىزدىن چىقارغۇسىز سىياسىي مەقسىتىگە مۇلازىمەت قىلدۇرۇش ئويىدا بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر