باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كوماندىر-جەڭچىلەر: دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايمىز

2016.07.15 15:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تىنچ مەزگىلدە، ئازاتلىق ئارمىيەدىكى بارلىق ئارمىيە خىللىرى، قىسىملار خەۋپ-خەتەرنى ئېسىدىن چىقارماي، جاپالىق مەشىق قىلماقتا. كوماندىر-جەڭچىلەر: دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتىنى جەزمەن قەتئىي قوغدايمىز، دېدى.

  دېڭىز ئارمىيە بىپايان دېڭىزدا ئەمەلىي ئۇرۇش تەقلىدىي مانىۋېرلىرىنى ئۆتكۈزدى. نەنشا ئارىلىدا تۇرۇشلۇق كوماندىر-جەڭچىلەر ۋەتەننىڭ دېڭىز-ئوكيان تەۋەلىكىنى كېچە-كۈندۈزلەپ قوغدىماقتا.

  خۇاياڭ خادا تاش مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى جۇ بۇيۇن مۇنداق دېدى: نەنشا تاقىم ئاراللىرى ئەزەلدىن جۇڭگوغا تەۋە. ۋەتەننىڭ بىپايان دېڭىز تەۋەلىكىنى قوغداش بىزدەك خادا تاش مۇداپىئە كوماندىر-جەڭچىلىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. يولسىز، قانۇنسىز كېسىم بىزگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، بىزگە دەخلىمۇ قىلالمايدۇ. بىز ئىش تېرىمايمىز، ئىشتىنمۇ قورقمايمىز. بىزنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنى ياخشى قوغداشقا ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز بار، ۋەتەن، خەلق بىزدىن خاتىرجەم بولسۇن.

  ھاۋا ئارمىيە قىسمىنىڭ قىيىنچىلىق دەرىجىسى يۇقىرى قارشىلىشىش مانىۋېرى قىسىمنىڭ ئۇچۇرلاشقان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

  پاراشوتچى ئەسكەرلەر مەلۇم قىسمىنىڭ تۆتىنچى دەرىجىلىك سېرژانتى، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى ۋاڭ فۇشېڭ مۇنداق دېدى: ئاتا-بوۋىمىزدىن قالغان مۇقەددەس زىمىننى بىر ۋاراق كېسىم قەغىزىگە تايىنىپ تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش بىھۇدە ئاۋارىچىلىق. مەن پاراشوتچى ئەسكەر بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچلۈك كۆرەش ئىرادىسى بىلەن ئارمىيەنى كۈچەيتىش دولقۇنىغا ئاتلىنىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ چاقىرىقىغا ھەر ۋاقىت ئاۋاز قوشۇشقا تەييار تۇرىمەن.

  راكىتا ئارمىيەسى مەلۇم بىرىگادىسى قويۇپ بېرىش ئىككىنچى روتىسىنىڭ كوماندېرى شۈ گېنۋاڭ مۇنداق دېدى: ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئالقانچىلىك يەرنىمۇ قولدىن بەرمەيمىز، بىز تەييارلىنىپ بولدۇق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر