خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن پولات نىياز خەۋىرى) چەرچەن ناھىيەسىدە 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەشكىللىشىدە، ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا «ئىنتىلىش» ژۇرنىلى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى خاتىرىلەندى. بۇ ژۇرنالغا 1986-يىلى تەييارلىق قىلىنىپ 1987-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ئاساس قىلىنىپ ئايدا بىر قېتىم نەشر قىلىنىدىغان، تۆت بەتلىك ئەدەبىي گېزىت قىلىنىپ شافىگراپتا بېسىپ تارقىتىلغان، 1998-يىلىغا كەلگەندە، تەرەققىي قىلىپ قوش ئايلىق 20 بەتلىك كىچىك تىپتىكى ژۇرنال قىلىپ نەشر قىلىنغان، 2008-يىلىدىن باشلاپ پەسىلدە بىر قېتىم نەشردىن چىقىدىغان 80 بەت ئەتراپىدىكى رەڭلىك ژۇرنالغا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ جەرياندا ئىنتىلىش ژۇرنىلى ئەدەبىي ئىجادىيەتتە تالانتى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى سەھنىسىگە ئايلىنىپ، ئۆز نۆۋىتىدە يۇقىرى ساپالىق زىيالىي ۋە ئىجادىيەتچىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققان.
خاتىرىلەش پائالىيىتى جەريانىدا، ئىنتىلىش ژۇرنىلىنىڭ 2016-يىللىق 1-سانىدا مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان توققۇز ئوقۇغۇچى كىتاب بىلەن مۇكاپاتلاندى. پائالىيەتكە ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، چەرچەندىكى قەلەمكەشلەر ۋە زىيالىيلاردىن بولۇپ 70 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى