باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا تاشقى سودا مۇقىملىشىشقا باشلىدى

2016.07.15 15:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى خۇاڭ سوڭپىڭ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتى، ئىمپورت ۋە ئېكسپورت قىممىتى گەرچە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن پەسىللىك ئەھۋالدىن قارىغاندا، سەل مۇقىملاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، 2-پەسىلدىكى ئىمپورت-ئېكسپورت، ئىمپورت ۋە ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم-ئايرىم %0.1 ۋە %1.2 كۆپىيىپ، مۇسبەت ئاشتى؛ ئىمپورت قىممىتى %1.2 تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش كۆلىمى 1-پەسىلدىكىدىن 7.2 پوئېنت تارايدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا تاشقى سودا مۇقىملىشىشقا باشلىدى.

  خۇاڭ سوڭپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ھالسىز بولدى، يەر شارى سودىسى داۋاملىق ئازايدى، ئېلىمىزنىڭ مال سودىسى ئىمپورت-ئېكسپورتى يەنىلا بىر قەدەر پەسكويدا تۇرۇۋاتقان خەلقئارا مۇھىتقا دۇچ كەلدى. بۇ خىل ئەھۋالدا، 2-پەسىلدە، ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتى ۋە ئېكسپورت قىممىتى مۇسبەت ئاشتى، ئىمپورت قىممىتىنىڭ تۆۋەنلەش كۆلىمى سەل تارايدى، بۇ مۇنداق بىر نەچچە ئاساسلىق ئامىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1-ئىچكى سىياسەت مۇھىتى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتى. 2-كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسى لىنىيە بويىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشىپ، ئېلىمىز بىلەن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش، تەرەققىيات پايدىسىدىن تەڭ بەھرىلىنىش ئۈچۈن مۇھىم سەھنە ھازىرلاپ بەردى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ پاكىستان، رۇسىيە، بېنگال، ھىندىستان، مىسىر قاتارلىق بىر بەلباغ، بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەرگە قىلغان ئېكسپورتى ئاشتى.

  تاموژنا سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىز پۇقراۋى كارخانىلىرىنىڭ ئېكسپورتى ئىككى تىرىليون 990 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %3.6 ئېشىپ، ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %46.6 نى ئىگىلەپ، چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئېكسپورت نىسبىتىدىن ئېشىپ، ئېكسپورت ئۈلۈشىدىكى بىرىنچى ئورۇننى داۋاملىق ساقلىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر