باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

توغرا دىنىي ئېتىقادنى جارى قىلدۇرۇش لازىم

ئىسلام دىنى ئەقىدىسى ئىدىيە مۇھاكىمە يىغىنى قەشقەردە ئېچىلدى

2016.06.15 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-ئىيۇندىن 14-ئىيۇنغىچە، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشىدە قەشقەردە «توغرا دىنىي ئېتىقادنى جارى قىلدۇرۇش» ئاساسىي تېما قىلىنغان ئىسلام دىنى ئەقىدىسى ئىدىيە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسىدىن مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، دىنىي رادىكال ئىدىيەنىڭ سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بېرىش، كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى توغرا دىنى ئېتىقادقا يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى چىقىرىش تەلەپ قىلىندى.

  يىغىنغا قاتناشقان دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىردەك: ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي ماھىتىنى توغرا تونۇش، «ئۈچ خىل كۈچ »نىڭ ئىسلام دىنىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتىگە يېتىش رەزىل نىيىتىنى ئاشكارىلاپ، مۇسۇلمان ئاممىسىنى توغرا ئېتىقادقا، توغرا يولدا مېڭىشقا يېتەكلەپ، ئەسەبىيلىككە تاقابىل تۇرۇپ، تېررورلۇق، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىسلام دىنى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم ۋە جىددى ۋەزىپە، دەپ قارىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر