باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئەل قەلبىنى مايىل قىلدى

2016.06.15 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەھرىمان تۆمۈر خەۋىرى، فوتوسى) يېقىندا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك بالىلار پاراۋانلىق ساناتورىيەسى، ئاقسۇ شەھىرى قىزىل كۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى توقاي مەھەللە كومتېتى ۋە ئاقسۇ شەھىرى دولان كوچا باشقارمىسى شىيۈەن مەھەللە كومتېتىدا «پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتى» قانات يايدۇرۇلۇپ، پائالىيەت جەريانىدا تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار ئامما ۋە پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىدىن ھال سورالدى.

  توقاي مەھەللىسىدىكى پېشقەدەم پاتىيە ئەزاسى راخمان بارات مۇنداق دېدى: رەھبەرلەرنىڭ مىنى يوقلاپ كەلگىنىگە رەھمەت. ھال سوراشقا ئېلىپ كەلگەن 500 يۈەن پۇل ماڭا ئوخشاش كۆرۈش قۇۋىتىدىن ئايرىلغان مېيىپ كىشىگە نىسبەتەن بەكمۇ كۆپ. كۆز نۇرۇم تۇتۇلغان مۇشۇ نەچچە ئايدىن بېرى مەھەللە كومىتېتىغا چىقالمىدىم، پارتىيە يىغىنىغىمۇ قاتنىشالمىدىم، ئەمما تەشكىل مىنى ئۇنتۇپ قالمىدى، قەرەللىك ھالدا مىنى يوقلاپ تۇردى، ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، يەنە پارتىيەنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىدىن خەۋەردار قىلىپ، مەنىۋى تۇرمۇشۇمنىمۇ بېيىتتى. گەرچە كۈزۈم كۆرمەس بولۇپ قالسىمۇ دىلىم يۇرۇق تۇردى. پارتىيەگە، پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدرۇغان پىدائىيلارغا كۆپتىن – كۆپ رەھمەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر