خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىر ئوسمانجان ئىسمائىل، گۈلبوستان مەمەت، دىلبەر ئابدۇۋاھىت خەۋىرى، فوتوسى) ئاقسۇ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتىرول قىلىش مەركىزىدىن دولان كوچا باشقارمىسىنىڭ يىرما مەھەللىسىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار 6-ئاينىڭ 12-كۈنى مەھەللە ئاممىسىنى تەشكىللەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. مەھەللە ئاممىسى سورالغان سۇئاللارغا تالىشىپ جاۋاپ بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى جان-دىل بىلەن قوغداشتەك ئىرادىسنى نامايەن قىلدى.
سۈرەتتە: زېھىن سىناش مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى