- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەتلەردىن تاللانما» ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى
2014-يىلى 3-ئايدا ئېچىلغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدىن 2015-يىلى 10-ئايدا ئېچىلغان ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى مۇھىم ھۆججەتلەردىن 67 پارچىسى كىرگۈزۈلدى
2016.06.15 15:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى تۈزگەن «18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەتلەردىن تاللانما» ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمى مەركىزىي ھۆججەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ، بۈگۈندىن باشلاپ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تارقىتىلدى.
«18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەتلەردىن تاللانما» ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىغا، 2014-يىلى 3-ئايدا ئېچىلغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدىن 2015-يىلى 10-ئايدا ئېچىلغان ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى مۇھىم ھۆججەتلەردىن 67 پارچىسى كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قوليازمىسىدىن 26 پارچە، مەركەزنىڭ باشقا رەھبىرىي يولداشلىرىنىڭ قوليازمىسىدىن 17 پارچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەنگە ئالاقىدار ھۆججەتتىن 24 پارچە بار. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 14 پارچە مۇھىم ھۆججەت تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر