باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت يىلدا يېزىلاردىكى نامرات نوپۇستىن 66 مىليون 630 مىڭى ئازلىدى

ئېلىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى

جۇڭگو ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت دەبدەبىلىك ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئومۇمىي خەلق ئىسلاھات، تەرەققىيات، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى

2016.06.15 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2012-يىلدىن 2015-يىلغىچە، ئېلىمىز يېزىلىرىدىكى نامرات نوپۇستىن 66 مىليون 630 مىڭى ئازلىدى، دائىملىق نوپۇسلارنى شەھەرلەشتۈرۈش نىسبىتى ٪56.1كە يېتىپ، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئۇدا تۆت يىل 12 مىليوندىن ئاشتى.... گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 14-ئىيۇن ئېلان قىلغان «<دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى>(2012-يىلدىن 2015-يىلغىچە)نى يولغا قويۇشنى باھالاش دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىز تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئۆز مۇددىتىدە تاماملىغان، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى يەنە بىر بالداق ئۆرلىگەن.

  دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2012-يىلدىن 2015-يىلىغىچە، مۇرەككەپ، جىددىي خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دۆلەت ئىچدىكى ئىسلاھات، تەرەققىياتنى مۇقىملاشتۈرۈش مۈشكۈل ۋەزىپىسى ئالدىدا، ئېلىمىز ھۆكۈمىتى يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە پائال ماسلىشىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئېشىش سۈرئىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپتىن مۇداپىئەلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، ئادىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ مەنپەئىتى بىلەن ئومۇمىي خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش جەريانىدا ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر