باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن پىكىر تارقاتتى

ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ يولغا قويۇلىدۇ

2016.06.15 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىپ يولغا قويۇش، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھالقىلىق رول ئويناتقۇزۇش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇرتۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈپ، نۆۋەتتىكى تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: بازارنى ھۆرمەتلەش، رىقابەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئومۇمىيەتنى مەۋقە قىلىش، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ پىلانلاش بويىچە، ئىلمىي پىلانلاپ، باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇپ، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىپ ۋە يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش ئېچىۋېتىش، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىشتەك بازار سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك. سىياسەت بەلگىلەيدىغان ئورگانلار سىياسەت بەلگىلەش جەريانىدا ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەكشۈرۈشى كېرەك. بازار ئىجازىتى، كەسىپلەر تەرەققىياتى، خېرىدار چاقىرىپ، مەبلەغ كىرگۈزۈش، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، تىجارەت قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، سالاھىيەت ئۆلچىمى قاتارلىق بازار سۇبيېكتىنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيىتىگە چېتىلىدىغان قائىدە-نىزام، قېلىپلاشتۇرۇلغان ھۆججەت ۋە باشقا سىياسەت تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. ئالاقىدار مەمۇرىي قانۇن-بەلگىلىمە ۋە گوۋۇيۈەن بېكىتكەن باشقا سىياسەت-تەدبىر، يەرلىك قانۇن-نىزاملارنى بېكىتىدىغان تارماق، بېكىتىش جەريانىدا تەكشۈرۈشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر