باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو يېڭى بىر قارارلىق دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇق ھەرىكىتى پىلانىنى تۈزىدۇ

2016.06.15 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جياڭ جيەنگو 14-ئىيۇن ئېچىلغان «دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇق ھەرىكىتى پىلانى (2012-2015)»نى يولغا قويۇشنى باھالاش خۇلاسە يىغىنىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بىر قارارلىق دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇق ھەرىكىتى پىلانى __ «دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇق ھەرىكىتى پىلانى (2012-2015)»نى تۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باشچىلىقىدا دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇق ھەرىكىتى پىلانى بىرلەشمە يىغىنى مېخانىزمى «دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇق ھەرىكىتى پىلانى (2012-2015)»نى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشنى نازارەت قىلىدىكەن. بىرلەشمە يىغىن مېخانىزمىنىڭ ئەزالىرى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرى، مەركەز ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ھەم خەلق ئۇيۇشمىلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېڭى بىر قارارلىق دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇق ھەرىكىتى پىلانى «13-بەش يىللىق يىرىك پىلان» بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتىكى نىشانى، ۋەزىپىسى ۋە كونكرېت چارىلىرى ئېنىق بەلگىلەنگەن.

  بۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى تۈزگەن ئىنسانىي ھوقۇق تېمىسىدىكى ئۈچىنچى دۆلەت پىلانى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئايرىم-ئايرىم 2009-يىلى 4-ئايدا «دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇق ھەرىكىتى پىلانى (2009-2010)»، 2012-يىلى 6-ئايدا «دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇق ھەرىكىتى پىلانى (2012-2015)»نى ئېلان قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر