باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016 - يىللىق تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش 1 - گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈشى ئاياغلاشتى

2016.06.07 14:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن باشچىلىقىدىكى 2016 - يىللىق تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش 1 - گۇرۇپپىسى 29 - مايدىن 5 - ئىيۇنغىچە تارغاباتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تەرەققىيات رايونى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 9 - شىسى، 10 - شىسىنىڭ بېيتۈن شەھىرىدە «مۇھىت ئاسراش قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

  قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى جايلارنىڭ «مۇھىت ئاسراش قانۇنى»نى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تونۇشتۇرۇشى ۋە خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: جايلار ۋە جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئېڭى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئومۇميۈزلۈك كۈچىيىپ، بىر تۈركۈم ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشى تۈرلىرىدە ئىش باشلاندى، سېلىنما زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قانۇن بويىچە قوغداشتىكى قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، تەدبىرلەر تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ياخشى دەۋرىيلىنىشى، ماس قەدەمدە تەڭ پايدا ئېلىشقا ئائىت نۇرغۇن تىپ بارلىققا كەلدى.

  نەيىم ياسىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە بىڭتۈەننىڭ شى، تۈەن - مەيدانلىرى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، مۇھىت ئاسراش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، يېشىل تەرەققىي قىلىشنىڭ مول مەزمۇنى ۋە يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تاپشۇرغان شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا ياپيېشىل تاغ - دەريالارنى قالدۇرۇشى كېرەك.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە بىڭتۈەننىڭ شى، تۈەن - مەيدانلىرى قانۇن - نىزام، بەلگىلىمىلەردە بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، قانۇن - نىزاملارنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇن - نىزاملارغا ھەقىقىي ئەمەل قىلىشنى بىر تۈرلۈك كۈندىلىك ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى مۇھىت ئاسراش قانۇن - نىزاملىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا دائىر قانۇن - نىزاملارنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ھەر يىلى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى نازارەتچىلىك خىزمىتىدىكى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مۇھىت ئاسراش قانۇن - نىزاملىرىدىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنىڭ تولۇق ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر