باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016 - يىللىق تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى

بىر كارخانا قانۇن بويىچە ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تۈزەشكە بۇيرۇلدى

2016.06.07 14:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭمىڭ باشچىلىقىدىكى 2016 - يىللىق تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش 2 - گۇرۇپپىسى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بىلەن يېزا ئىگىلىك 12 - شىسىنىڭ ھەمكارلىقىدىكى بىر كارخانىنىڭ تۇرخۇنىدىن قاپقارا، قويۇق ئىس چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇلغىما قويۇپ بېرىش نىسبىتىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ، بۇ كارخانىنى قانۇن بويىچە ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تۈزەشكە بۇيرۇدى.

  ئۇقۇشىمچە، تەرەققىياتنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدىكى رايونلار مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇھىتىغا بارغانسېرى ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىلغا ئايلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھىرى نۇقتىلىق رايونلارنى «بىر تۇتاش پىلانلاش، بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، بىر تۇتاش باھالاش، بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش» خىزمەت تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىگە پائال ماسلىشىپ، سانجى ئوبلاستى، شىخەنزە شەھىرى بىلەن ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى بىرلىكتە تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىدىكى كۆرۈنەرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان.

  2016 - يىللىق تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سانائەت رايونلىرىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە، يېڭىدىن يولغا قويۇلغان «مۇھىت ئاسراش قانۇنى»، «ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش قانۇنى»، «سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش قانۇنى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، شىنجاڭ «شىنيۈەن» ئەينەكچىلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلاردا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈردى شۇنىڭدەك «1 - ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ چاڭ - توزان تازىلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ مەشغۇلات ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  ئۇقۇشىمچە، 2015 - يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى مۇھىت ئاسراش بويىچە چوڭ تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، 7126 ئادەم / قېتىم كۈچ تەشكىللەپ، 3704 كارخانىنى تەكشۈرۈپ، قانۇن - نىزامغا خىلاپلىق قىلغان كارخانىدىن 1654 نى بىر تەرەپ قىلغان. بۇلتۇر قىشتىن بۇ يىل ئەتىيازغىچە بولغان ئارىلىقتا ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەش، چاڭ - توزاندىن بۇلغىنىشىنى تۈزەش، قانۇن - نىزامغا خىلاپ قۇرۇلۇشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مەخسۇس ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرغان. نەتىجىدە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ھاۋا سۈپىتى 1 - دەرىجىدىن ياخشى بولغان كۈن سانى ئالدىنقى بىر قانچە يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن بەش كۈن كۆپەيگەن، دانچە لەيلىمە ماددىلارنىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇق دەرىجىسى 2015 - يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %49.6 تۆۋەنلىگەن. باشقا بۇلغىما ماددىلارنىڭ كۆرسەتكۈچىمۇ 2015 - يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، چاڭ - توزاندىن بۇلغىنىشنى مەنبەسىدىن تۈزەش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر