باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بىلەن گۇاڭدۇڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

گۇاڭدۇڭ كارخانىلىرى شىنجاڭغا 100 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 120 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ

جاڭ چۈنشيەن، جۇ شياۋدەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2016.06.07 14:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ بىلەن گۇاڭدۇڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى 5 - ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى جۇ شياۋدەن سۆھبەت يىغىنى ۋە مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجرىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن 240 نەچچىنى يولغا قويدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، گۇاڭدۇڭ «سۈرئىتى»، گۇاڭدۇڭ «تەپەككۇرى»، گۇاڭدۇڭ «ئەندىزىسى»نى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىلىرىغىچە چوڭقۇرلاشتۇردى؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى يۇقىرى، جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: «13 - بەش يىل»دا، شىنجاڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، مەملىكەت بويىچە 5 - قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى جايىغا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئومۇمىي نىشاننى چۆرىدەپ، «بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى»دە چىڭ تۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە شىنجاڭ بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە يۈكسىلىشىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچى، شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەمكارلىق كېلىشىمىنى جايىغا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سەككىز چوڭ نۇقتىلىق كەسىپنى چۆرىدەپ، كەسىپ سۇپىسى قۇرۇلۇشى ۋە نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، بالدۇرراق ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا شارائىت يارىتىش كېرەك.

  ئىككىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى گەۋدىلىك ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامغا، خەلق تۇرمۇشىغا، نۇقتىلىق رايونلارغا، نامرات كەنت، نامرات ئائىلىلەرگە مايىللىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن جايىدا قۇتۇلدۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەنت ۋە ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈلىدىغان «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مىكرو تۈرلىرى»نى كۆپرەك ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامرات ئامما دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، تەرەققىيات ئاساسىي نۇقتىسىنى يېڭىلىق يارىتىشقا قويۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شىنجاڭ بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىكى، يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىنى قوللىسا بولىدۇ.

  تۆتىنچى، ئېچىۋېتىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ كەسىپ، مەبلەغ، تېخنىكا، باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى شىنجاڭنىڭ، قەشقەرنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەتراپتىكى رايونلارغا يۈزلىنىدىغان ئىمپورت - ئېكسپورت، پىششىقلاش كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ ئەتراپتىكى رايونلارنى پىششىق بىلىش ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ سىرتقا چىقىرىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  بەشىنچى، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش ئۇل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىدە شۇ يەردىكى ئاممىنى، بولۇپمۇ نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىمكانقەدەر قاتناشتۇرۇش بىلەن بىللە، كۆپ خىل شەكىلدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، چۈشىنىشنى، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى تونۇش» ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، داۋالاش، مائارىپ ساھەسىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ بازا قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى قىلىش كېرەك.

  جۇ شياۋدەن مۇنداق دېدى: 2010 - يىلىدىن باشلاپ، مەركەز يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىشنى باشلامچى، شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش، ئەقلىي جەھەتتىن نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئىككى قانات قىلىش» خىزمەت ئەندىزىسىنى زىچ چۆرىدەپ، تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، تۈرلۈك ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  جۇ شياۋدەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچىدىغان ھالقىلىق مەزگىلگە قەدەم قويدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىلمىي تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن تۆھپە قوشىدۇ. بۇنىڭدا ئالتە تۈرلۈك خىزمەتنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتىمىز: بىرىنچى، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان ۋە يىللىق مەبلەغ سېلىش پىلانىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەيمىز؛ ئىككىنچى، شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشنى پىلانلايمىز؛ ئۈچىنچى، قەشقەر خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىنى پىلانلاش ۋە باشلىنىش رايونى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتىمىز؛ تۆتىنچى، «ساۋخۇ» گۇاڭدۇڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپلەر رايونى ۋە يۈرۈشلۈك تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق يولغا قويىمىز؛ بەشىنچى، شىنجاڭغا ئىختىساسلىقلار ۋە ئەقلىي جەھەتتىن نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ۋە ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز؛ ئالتىنچى، 7 - ، 8 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ نۆۋەت بىلەن ئالمىشىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەن ۋە قەشقەر ۋىلايىتى، بىڭتۈەن 3 - شىسى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە كادىرلار، ئاممىنىڭ پىكرىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈمدە قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي، بىڭتۈەننىڭ قوماندانى ليۇ شىنچى ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئايرىم - ئايرىم تونۇشتۇردى.

  سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايون گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بىلەن ئىككى جاينىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ھەققىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. «13 - بەش يىل»دا، گۇاڭدۇڭ كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا سالىدىغان مەبلىغى 100 مىليارد يۈەنگە يېتىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، پىششىقلاش، ياساش، سودا، ئەشيا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، مەدەنىيەت، ساياھەت، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، بىيولوگىيە، تېببىي دورىگەرلىك، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ، ياردەم بېرىلىدىغان جايلارنىڭ كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولىدۇ. شۇ چاغقا بارغاندا 70 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى يېڭىدىن كۆپىيىپ، كەسىپلەر بويىچە 70 مىڭدىن ئارتۇق كىشى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ، 50 مىڭ كىشى باشقا جايلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

  جۇ شياۋدەن 3 - ئىيۇندىن 5 - ئىيۇنغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئىلگىرى - كېيىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى، پەيزاۋات ناھىيەسى، قەشقەر شەھىرى، بىڭتۈەن 3 - شىسىنىڭ 41 - تۈەنى قاتارلىق ئورۇنلارغا بېرىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنى يوقلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر